تۆشۈك مونچاق 🧡 6-قىسىم

文摘   2025-01-15 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن بولغاچقا ئەتراپ تىنچ ئىدى ئاينۇر ئاپتوبۇسنىڭ يېنىدىكى قارا كۆلەڭگىنى كۆرۈپ ئەندىشە ئىچىدە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئىليار تاماكا چەككەچ ئاينۇرنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى، ئۇلار قورقۇنۇچ ھاياجان ئىچىدە يۈز كۆرۈشتى.

بۇ كېچە ئاي تولغان كېچە بولۇپ ئەتراپ ئاينىڭ شولىسىدا يوپيورۇق كۆرۈنەتتى. يۇلتۇزلار چىراقلايتتى. ئاينۇر ئاستا مېڭىپ ئىليارنىڭ قېشىغا كەلدى.

- ئىليار ماڭا دەيدىغان گېپىڭىز بارمىدى؟ تېز دەڭ گېپىڭزنى ئاڭلاپ بولۇپلا كىرىپ كەتمسەم باشقىلار كۆرۈپ قالسا خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن يەنە- دېدى ئاينۇر قورقۇپ ئالاقزادىلىك ئىچدە ئەتراپقا قاراپ. ئىليار ئاينۇرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ :

- باشقىلار كۆرۈپ قالسىمۇمەيلى ئاينۇر مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن نەچچە كۈندىن مەندىن قېچىپلا يۈردىڭىز مېنىڭ تەتىلىم توشتى ئەتە قايتىمەن شۇڭا سىز بىلەن خوشلاشقاچ كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى دەۋالاي دېدىم. سىزنىڭ سەمىمىيلىكىڭىز يەنە گۈزەل چىرايىڭىز مېنى ئەسىر قىلىۋالدى، ئاينۇر سىزنى سۆيىمەن دەپلا چاققانلىق بىلەن ئاينۇرنى قۇچاقلاپ ئوتتەك لەۋلىرىنى ئاينۇرنىڭ گىلاستەك قىپقىزىل چىرايلىق لەۋلىرىگە باستى ھودۇقۇشتىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان ئاينۇر ئىليارنى ئىتتىرىشكە باشلىدى.

- ئۇنداق قىلماڭ ئىليار بىز تېخى كىچىك، سىزمۇ ئوقۇۋاتىسىز؟ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئىليارنىڭ قوللىرىدىن ئاجراشقا تىرىشىپ ئۇنى ھە دەپ ئىتتىرەتتى.

- گېپىمنى ئاڭلاڭ مەن يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىمەن بىز توي قىلايلى مېنى بىر يىل ساقلاپ تۇرۇڭ بولامدۇ؟ دېگىنىچە ئىليار ئاينۇرنى قويۇۋەتمەي ئۇنى كۈچەپ سۆيۈشكە باشلىدى. ھاياجاندىن ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئىتتىكلەپ كېتىۋاتاتتى ئاينۇرمۇ ئۇنى ئىتتىرگەندەك قالغان بىلەن ئۇنىڭمۇ ۋۇجۇدىغا ئىللىق بىر سېزىم تاراۋاتاتتى ئاينۇر كىتابلاردىن تۇنجى سۆيۈش بىر بولسا ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ بىر بولسا مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇر قاينىمىغا باشلاپ كىرىدۇ دەپ ئوقۇغان ئىدى بەلكىم راست بولسا كېرەك، ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئىليار بىلەن ناھايىتى قىزغىن سۆيۈشتى. ئۇلار بىر- بىرىدىن ئاجرىغاندىن كېيىن ئاينۇر ئەتراپقا يەنە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قارىدى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ناھايتى كۆپ بولۇپ خۇددى ئاينۇرنى مەسخرە قىلپ كۆز قىسۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى، ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرۈپ قالغىنىدىن خىجىل بولغاندەك يۈزلىرى ئوت ئېلىپ كەتتى، ئەمما قەلبى ھاياجاندىن تېپچەكلەيتتى.

- كىرىپ كېتەيلى ئىليار باشقىلار چىقىپ قالمىسۇن يەنە، - دېدى ئاينۇر يەرگە قاراپ تۇرۇپ. - ماقۇل كىرىپ كېتەيلى، ئەمما سىز ماڭا جاۋاب بېرىڭ مېنى ساقلاڭ بولامدۇ؟ دېدى ئىليار. ئەمەلىيەتتە ئاينۇرغىمۇ مۇھەببەت ئوتى ئاللىقاچان تۇتۇشۇپ بولغان ئىدى. -ماقۇل، ساقلايمەن، - دېدى ئاينۇرمۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ، ئىليار ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن پېشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ :

- ئەمىسە ۋەدىمىز- ۋەدە، بىر- بىرىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمىز، - دېدى.

- ھىم... دەپ بېشىنى لىڭشتتى ئاينۇرمۇ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ. شۇنداق قىلپ ئاي تولغان مۇشۇ كېچىدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى يېزىلىشقا باشلىدى. ئەتىسى ئۆمەك باشلىقى ھەم بارچە خىزمەتداشلارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئايرىم خوشلىشالمىدى. ھەر ئىككىلىسى كۆڭلى يېرىم ھالدا ئۈنسىز ئايرىلىشتى. ئىليار كەتكەندىن كېيىن ئاينۇر ئۇنى چەكسز سېغىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ھەش پەش دېگۈچە بۇ ئىككىسى ئايرىلغىلى ئون بەش كۈن بولدى. سېغىنىش ئوتى ئاينۇرنى قىينايتتى. ئۇ ئۈمىد ھەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئىليارنى ساقلايتتى. شۇنداق سېغىنىشلار ئىچىدە ئون بەش كۈن بولغاندا ئىليار موتسىكلىتىنى مىنىپ يېزىلىق ئۆمەكنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇ بالىلار بىلەن كۆرۈشكىلى كىردىم دەپ قويغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاينۇرنى كۆرگىلى كەلگەن ئىدى. تۈزۈم چىڭ بولسىمۇ ئۇلار بالىلاردىن غىپپىدە ئايرىلىپ بازارغا چىقىپ لەڭپۇڭ يېيىشتى، يەنە ئاينۇر ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك، مېۋە - چېۋىلەرنى سېتىۋېلىپ بازار سىرتىغا چىقىپ كەتتى. ئۇلار كەنتنىڭ چېتىدىكى بىر ئورمانلىقتا ئۆزلىرى ئالغان يېمەكلىكلەرنى يېگەچ، قىزغىن پاراڭلاشتى، بىر- بىرىنى سېغىنغانلىرىنى ئېيتىشتى، قىزغىن سۆيۈشتى ئەمما سۆيۈشۈپ بولۇپ بىر- بىرسىگە خىجىللىق ئىچىدە قارىشاتتى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئەنە شۇنداق پاك سەمىمىي ئىدى. ئۇلاربىر سائەتتىن ئارتۇق پاراڭلشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاينۇر سائەتكە قاراپ چۆچۈپ كەتتى. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان ئىدى. شۇ ھامان ئۆمەك باشلىقنى ئېسىگە ئالغان ئاينۇر قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.

- قايتايلى ئېليار، كەچ بوپكېتپتۇ، ئۆمەك باشلىقدىن ئىزا ئشتدىغان بولدۇم، - دېدى ئاينۇر جىددىيلشىپ.

- قورقماڭ، ئۇ ھېچنمە قىلالمايدۇ، بەك بولمسا ئۆمەك باشلىقى بىلەن ئوچوق ئاشكارا پاراڭلشمەن، بىز ھامان توي قىلمىز، - دېدى ئېليار تەمكىنلىك بىلەن. ئۇلار شۇنداق دېيشكىنچە موتسكلتنى مىنپ ئۆمەك ئالدىغا يېقىن قالغاندا ئاينۇر چۈشۈپ قالدى، ئېليار ئۇدۇل مەكتەپكە قايتتى.

شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەر ھەپتە مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئېلىيار يېزىلىق ئۆمەكنىڭ ئالدىدا پەيدا بولاتتى. ئاينۇرلار ئويۇن قويغىلى چىقىپ كەتسە مەيۈسلىك بىلەن قايتاتتى، ئەگەر ئۇلار ئويۇن قويغىلى چىقمىغان بولسا باشقىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ پىنھانلارغا قاچاتتى. مانا مۇشۇنداق قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ ئۈچ ئاي بولغاندا ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى پاراڭ ئۆمەك باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا يەتتى، ئۆمەك باشلىقىمۇ قىزلاركىچىك بولغاچقا ئېزىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى بەكلا قوغدايتتى ھەم:«ھازىر سىلەر كىچىك تېخى، مۇھەببەتلىشدىغان يېشىڭلار ئەمەس»- دەپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى.

ھاۋا تۇتۇق بىر كۈنى ئىليار يەنە موتسىكلىت بىلەن ئۆمەكنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئۆمەك باشلىقى ئىليارنى كۆرۈپلا، قىزلار ياتىقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنى چەكتى. ئىشىكنى ياتاق باشلىقى -قىزلارنىڭ سەل چوڭى ناخشىچى ئاسىيە ئاچقان ئىدى.

- سىلەر بىردەم چىقىپ تۇرۇڭلار، ئاينۇر بىلەن پاراڭلىشىدىغان ئىشىم بار. ئاينۇر، سەن قېلىپ قالغىن سىڭلىم، -دېدى ئۆمەك باشلىقى. ئاينۇر بىلەن ئۆمەك باشلىقى ياتاق ئىچىدە قالدى، ئۆمەك باشلىقى سالماقلىق بىلەن گەپ باشلىدى.

- سىڭلىم مەن سىلەرنى يېشى كىچىك، ئوغۇللارغا ئالدىنىپ قالمىسۇن دەپ، مۇھەببەتلىشىشتىن توسقان ئىدىم، سېنىڭ ئىليار بىلەن يۈرىۋاتقىنىڭنى ئاڭلىدىم، سەن كەلگىلى ئۇزۇن بولمىدى، ھازىر توي قىلىدىغان يېشىڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ ئوقۇۋاتىدۇ شۇڭا دىققىتىڭنى يىغىپ خىزمەتنى ياخشى قىل، ئەگەر يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشساڭ ئاناڭغا ھەممە گەپنى دەيمەن سەنمۇ ئۆيگە قايتىسەن، - دېدى، ئاينۇر خىجللقتىن يىغلاپ كەتتى. بىچارە ئاينۇر سېغىنىش ئوتىدا پۇچۇلناتتى باشلىقنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا ئاپىسىنىڭ قېشىغا نېمە دەپ قايتىدۇ، ئۇ ئامالسىز باشلىققا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەيمەن دەپ ۋەدە بەردى. باشلىق ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنڭغا بىرمۇنچە نەسھەت قىلپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى ھەم ئاينۇرنى بۈگۈن سىرتقا چىقمايسەن دەپ ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلدى ئاينۇربۈگۈن سىرتقا چىقمايسەن دېگەن بۇ گەپتىن ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇنىڭ يۈرەكلىرى ھاياجاندىن تېپىچەكلەيتتى، سېغنش ئازابى ئۇنى قىينايتتى. ئەمما ئۇباشلقنڭ گېپنى ئاڭلاپ ياتاقتا جىم ئولتۇردى. ئىليار ئىشىك ئالدىدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئاينۇرنى ساقلىدى، ئۇ باشقا بالىلاردىن تىڭتىڭلاپ ياتاقتا بولغان گەپلەرنى ئاڭلغان بولغاچقا ياتاق ئىشىكىنى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى.

-ئاينۇر ئىشىكنى ئېچىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار مەن ھەممىنى ئاڭلىدىم ئۆمەك باشلىقى ئانىڭىزغا دېسە مەيلى بىز ھامان توي قىلىمىز سىز قايتىپ كېتىڭ، مەن ئانىڭىزنىڭ ئالدىغا ئۆزۈم چىقىمەن نېمىدىن قورقىسىز؟ - دەپ ئىشىكنى ئۇرۇپ تۇرۇپ ۋارقىرايتتى.

- ياق ئىليار مەن تېخى كىچىك بۇ گەپلەرنى قانداقمۇ ئانامغا ئېيتالايمەن. ئەگەر ئاكىلىرىم ئاڭلىسا پاچىقىمنى چېقىۋېتىدۇ، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن سىز قايتىپ كېتىڭ دەپ ياتاقتىن چىققىلى ئۇنىمىدى. ئىليار شۇنچە گەپ قىلىپمۇ ئىشىكنى ئاچقۇزالماي ئامالسىز مەكتەپكە قايتىپ كەتتى. كېيىنكى ھەپتىدىكى ئارام ئېلىش كۈنى ئىلياريەنە ئۆمەكنىڭ قىزلار ياتىقى ئالدىدا پەيدا بولدى ئۇ يەنە ئىشىكنى ئۇرۇپ ئاينۇرنى سېغىنغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنىڭ مەڭگۈ راست ئىكەنلىكىنى، بۇنداق جان قىينىغىچە قايتىپ كېتىپ ئۆيدە ساقلىشىنى ئېيتتى. ئىليارنىڭ قىلغان بىر مۇنچە تەسىرلىك گەپلىرى ئاينۇرنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى ئۇنىڭسىزمۇ ئۇ ئىليارنى بەكلا سېغىنغان ئىدى ئۇ ئىشىكنى ئاچتى ئىليار ئاينۇر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن گەپلەرنى تاپىلاپ ھازىرلا قايتىشنى ئېيتىپ مەكتەپكە قايتتى. ئاينۇر بىر قارارغا كەلدى ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن سېھىرلەنگەن ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ھېچقانداق گەپ كىرمەيتتى، ئۇ ئۆمەك باشلىقىنى ئىزدەپ ئىش ھەققىنى ھېسابلىشىپ ئۆيگە قايتىشنىلا ئويلايتتى. بولۇۋاتقان ئىشلارنى يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرغان ئۆمەك باشلىقى ياتاققا كىرىپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئۇ قايتىشنى قەتئى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆمەك باشلىقى ئۇنىڭ تۈزۈمگە بويسۇنمىغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشنى ئېيتقاندىمۇ ئۇ ئىككىلەنمەيلا مەيلى دېگىنىچە نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ قايتىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئاينۇر ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ بولغان ئىشلارنى ئانسغا دېيەلمەي ئويۇن قويۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدۇق بىر ھەپتە ئارام ئېلىشقا قويىۋەتتى دېگەندىن باشقا گەپنى قىلمىدى. ئۇ چاغلاردا يېزىدىكىلەرنىڭ ئۆيىدە تېلېفون بولمىغاچقا ئاينۇر. ئىليارنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى ئىليارمۇ شېرىن مۇھەببەت قاينىمىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەچكە بىر ھەپتىنىڭ تېزراق توشۇپ ئارامغا قويۇپ بېرىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى، ئاخىرى ئارام كۈنىمۇ كەلدى ئىليار موتسىكلىتىنى مىنىپ ئاينۇرنىڭ مەھەللىسىگە قاراپ يول ئالدى. ئايسىخان ئانا بۈگۈن سودىسى ياخشى بولۇپ بازارغا ئېلىپ چىققان ماللىرى بالدۇر تۈگەپ بالدۇرلا ئۆيگە قايتىپ چۆرىسى بۇزۇلغىلى باشلىغان ئوچاقنى ئوڭشاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى بىر موتسىكلىت گۆكىرەپ كېلىپ چىتلاقلىق ھويلا ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئايسىخان ئانا ئەجەبلەنگەن ھالدا ھويلا ئىشىكىنى ئاچتى ئىشىك ئالدىدا بۇغداي ئۆڭ ئانچە چىرايلىق بولمسمۇ بوي بەستى خېلىلا جايىدا بىر يىگىت كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.

- كىمنى ئىزدەيسىز؟- دېدى ئايسىخان ئانا.

- ھە ئاينۇر قىز ئۆيدە بارمىدۇ مەن ئۇنىڭ ئۆمەكتىكى خىزمەتدىشى دېدى ئىليار ئايسىخان ئانىغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلىپ.

- ھە، ئاينۇر قىز بار قېنى ئىچكىرىگە كىرەيلى، بالام - دېگىنىچە ئايسىخان ئانا ئېليارنى دەرۋازا ئالدىدىن ھويلىغا، ئاندىن ئۆيگە باشلىدى. ئىليار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئايسىخان ئانا ئىليارنى ئۆيدىكى سۇپىغا باشلاپ داستىخان راسلاش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى ئىليار ئۆيگە بىر - بىرلەپ كۆز يۈگۈرۇتتى ئۆي ناھايىتى ئاددىي سەرەمجانلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئەينى چاغدىكى كېسەك تاملار ئىدى ئايسىخان ئانا داستىخانغا نان چايلارنى قويۇپ :

- بەھۇزۇر ئېلىڭ بالام، مەن ئاينۇر قىزنى چاقىرىپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتتى. ئاينۇر ئۆزىنىڭ ھۇجرا ئۆيىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.

- قىزىم كەچ كىرىپ قالدى ئەمدى ئۇخلىماڭ سىزنى بىر ئوغۇل خىزمەتدىشىڭىز ئىزدەپ كەپتۇ دەپ چاقىردى، ئاينۇرنىڭ يۈرىكى ئىختىيارسىز ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章