كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
10-قىسىم | 11-قىسىم | 12-قىسىم |
13-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
ھاياتتىكى ھىكايىلەرمۇ ئاجايىپ قىززىق بولدىكەن، شۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قېلىشلار بولامدۇ؟! تۇنجى سۆيگۈننىڭ ئىسمىمۇ ئىليار، باشقىلار تونۇشتۇرۇپ توي قىلماقچى بولغان يىگىتنىڭ ئىسمىمۇ ئىليار. شۇنداق قىلىپ ئاينۇر ئاخىرى ئۆزى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرگەن تۇنجى سۆيگىنى ئىليار بىلەن توي قىلىدىغان بولۇپ، يەنە قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكتى. تۇنجى مۇھەببەت قەدىمىنى ھېچبىر ئەندىشىسىز بېسىۋاتقان ساددا قىز ئاينۇر چىن كۆڭلىدىن ئېليارغا ئەقىدە باغلىغانىدى. ئەپسۇس، بۇشېرىن كەچمىشلەر يەنە ئۇزاققا بارمىدى. ئۇلار توي تەييارلىقلىرىنى قىلىشقا باشلىدى. ئىليارنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى باشلاپ داستىخان راسلاپ قىزنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇرۇق- تۇققانلارئايسىخان ئانا بىلەن نىملەرنى ئېلش، نىملەرنى قويۇش توغرسدا تمەسلھەتلىشىپ، تويلۇقلنى كېلەر ھەپتە ئالىدىغانغا كېلىشتى. بۇ ۋاقىتتا ئىليارغا ئىدارىدىن بەرگەن بىر ئېغىزلىق بويتاقلار ياتىقىنىڭ ئورنىغا ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيگە ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلدى.
ئېليار توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆيگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئۆمەك باشلىقىنىڭ ئالدىغا كىرگىنىدە، ئۆمەك باشلىقى توي قىلىدىغان قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكنى سورىدى ھەم ئىليار ئۇ قىزنىڭ يەنىلا بۇرۇنقى سۆيگىنى ئاينۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تارىخى ھەم تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئېگە بۇ پىشقەدەم رەھبەر ئېلىيارغا كۆيۈنگەن ھالدا كايىپ كەتتى:
- يەنە شۇ قىزنى تېپىپسەن دە!؟ بۇ ئۆمەكتە شۇنچە گۈزەل قىزلار تۇرسا ساڭا بىرسىمۇ يارىمىدىمۇ؟ ھەممىسىنىڭ مائاشى يۇقىرى، شۇلاردىن بىرسنى ئالساڭ بولمامدۇ؟ خىزمىتى يوق خوتۇننى ئالساڭ، جاپا تارتىسەن دەپ نەچچە قېتىم دەيمەن ساڭا؟-باشلىقنىڭ تەلەپپۇزى تولىمۇ كەسكىن ئىدى، -بوپتۇ ساڭا دەپ قويدۇم، قالغننى ئۆزۈڭ ئويلاپ بىر ئش قىلارسەن.
ئۇ شۇنداق بىرقاتار تەنبىھ-نەسىھەتلەر بىلەن ئۆي ئىلتماسغا تامغا بېسىپ تەستىقلاپ بەردى. << ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا >> دېگەندەك ئىليارنىڭمۇ تۇتۇرىقسىز مىجەزى ئەمدى ئاشكارە بولۇشقا باشلىدى، ئۇ بىردەم ئۇنى دەپ، بىردەم بۇنى دەپ، يەنە ئىككىلەنگەن پېتى شۈكلەپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. دېمەك ئىليار يەنە تەۋرەپ قالغان ئىدى. توي تەييارلىقلىرىمۇ خېلى پۈتۈپ قالغاندا ئاينۇر ئېلىيارنى ئىزدەپ ئىشخانىسىگە كەلدى. ئېلىيار ئۇنى ئىدارىسىدىن يېڭىلا تەستىقلاپ بەرگەن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيگە باشلىدى. ئۇ بۇ ئوينى بويتاقلار ياتىغىدىكى نەرسىلىرى بىلەن ئاددىيلا سەرەمجانلاشتۇرۋالغان بولۇپ، ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئاينۇر يەنە توينىڭ گېپىنى باشلاپ قالدى:
-ئېلىيار، -دېدى ئۇ بىر ئېغىر يۈكنى كۆتىرىۋالغاندەك ئۇھ تارتىپ، -يېقىندا مېنى ئىزدەپمۇ بېرىپ بولالمىدىڭىز، رازىخان ئاناممۇ ئئالدىراش ئوخشايدۇ، بىزنىڭ ۆيگە بېرىپ بولالمىدى، توينى ئەمدى كېچىكتۈرمىسەك بولاتتى
-ھەئە، مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، بىرراق، يېقىندا ئىشلار ئالدىراش بولۇپ كېتىپ..
ئاينۇر ئېلىيارنىڭ نېمىنىدۇر يوشۇرۇپ، ئىچىدىكىنى ئېيتالمايۋاتقاندەك تۇرقىغا قاراپ:
-سىزگە بىرەر ئئئىش بولدىمۇ ئېلىيار، بەكمۇ مەيۈس كۆرىنىسىزغۇ؟-دېدى كۆڭۈل بۆلۈپ.
ئېلىيار بىرھازا:«ئىچىمدىكىنى تاپ»دېگەندەك ئولتۇرپ كەتكەندىن كېيىن خۇددى مۇئەللىمىنىڭ ئالدىدا ئىمتىھان بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىدەك ۆمەك باشلىقىنىڭ سۆزىنى ئەينەن ئېيىتتى:
- ھىچ ئش يوق، ئۆمەك باشلىقى يەنە شۇ خىزمىتى يوق خوتۇننى ئالامسەن دەپ سۆزلەۋاتىدۇ شۇڭا...
ئاينۇر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دەقىقە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى، ئۇ ئالدىدا قىزىرىپ، تاتىرىپ، ھودۇقۇپ سۆزلەۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ ئەسلىدىكى قەددىنى تىك كۆتىرىپ، مەيدىسىنى كېرىپ :«مەن سىزگە ئاشىقمەن، مەن سىزنى ئالىمەن، سىز بولمىسىڭىز ياشىيالمايمەن... »دەپ مۇھەببەت ئىزھار قىلغان، سۆيگۈ ھەققىدە گەپ ساتقان، ئۇنى توي قىلماقچى بولغان يىگىتىدىن تارتىۋالغان ئېلىيار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەندەك بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى.
ئاينۇرنىڭ قەلبىدە يەنە ئىپادىلىگۈسىز پۇشايمان، غەزەپ غەلىيان كۆتىرىپ، كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسە ئۆز قىممىتىنى يوقاتقاندەك ئاچچىق تۇيغۇ يامىرايتى، نەپىرەتتىن سىلكىنگەن ۋۇجىدىغا كۈچ بېرىپ:
-سەنمۇ ئادەممۇ، يوقال كۆزۈمدىن، ھۇ ھايۋان!-دېگىنىچە ئېلىيارنى بىر شاپىلاق سالدى.
چاڭڭىدە تەگكەن بىر تەستەكتىن ئىليار سەنتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە ئاينۇر دېرىزە تەكچىسىدىكى قايچىنى كۆرۈپ، قايچىغا قاراپ ئېتىلدى. «ئاينۇر قايچىنى ئۆزىگە تىقىۋالارمۇ»دەپ ئەنسىرىگەن ئېلىيار ئاينۇربىلەن تەڭلا دېرىزە تەرەپكە ئۆزىنى ئاتتى. ئاينۇر چاققانلىق بىلەن قايچىنى قولىغا ئېلىپ، نەپرەتلىك كۆزلىرىنى ئىليارغا تىكتى.
- سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئاندىن ئۆزۈممۇ ئۆلىمە، سەن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىكەنسەن، مەن ساڭا ئۆچ، مەن ساڭا ئۆچ! مەن سەندىن نەپىرەتلىنىمەن! سەن مېنى تۈگەشتۈردىڭ، پۈتۈنلەي تۈگەشتۈردىڭ. مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن، قايسى يۈزۈم بىلەن ياشايمەن، سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن !-ئاينۇرشۇنداق دېگىنىچە قايچىنى قالايمىقان شلىتىپ ئىليارغا ئېتىلدى. ئىليار ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى، ئۇنىڭ قايچنى تۇتىۋالىمەن دەپ سۇنغان قولىنىڭ باش بارماق بىلەن ئىككىنچى بارماق ئارىلىقىدىكى لوق گۆشكە قايچا سانجىلدى. ئىليارنىڭ
«ۋايجان!»- دەپ توۋلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ قان ئېتىلىپ چىقتى. قايچا لوق گۆشكە چوڭقۇر كىرگەن بولۇپ ئېليارنىڭ قولنىڭ ئۇ تەرىپىدە قايچىنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاچچقىدا كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمىگەن ئاينۇر ئىليارنىڭ قولىدىن چىققان قاننى كۆرۈپ، ئېسە دەپ يىغلىغىنىچە يەرگە لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ يىغلاپ قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن ئىدى، ئىليار ئۆزىمۇ ئاينۇرنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى. ئۇ قولىدىكى قايچىنى ئاستا سۇغۇرۇپ ئېلىپ لۆڭگە بىلەن قولىنى تاڭدى. ئۇ ئاينۇرنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ:« كەچۈرۈڭ ئاينۇر، كەچۈرۈڭ» دېگىنىچە ئاينۇرنىڭ يۈزلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. ئاينۇر ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي، مۇردىدەك پۈتۈن خىياللىرى قۇپقۇرۇق ھالدا بىرھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ۋاقىراپ كەتتى:
- كۆزۈمدىن يوقال، ئەمدى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما!
ئاينۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، دەلدەڭشىگىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ سەلدەك توختىماي ئاقاتتى. ئۇ ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە خۇددى ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان ئادەمدەك بېكەتكە قانداق كېلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەيتتى. يېزىغا قاراپ كېتىۋاتقان ئاپتۇبۇس ئېغىر بىر دەرتنى كۆتىرەلمەيۋاتقاندەك ئاستا - ئاستا قوزغىلىپ، يېزىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ئۆيگە يېتىپ كېلىپ دەرۋازىدىن كىرشىگە، قىزىنىڭ ئەلپازىنى كۆرگەن ئايسىخان ئانا چۆچۈپ كەتتى.
- نېمە ئىش بولدى قىزىم ؟- ئانا ئارانلا شۇنداق دېيەلىدى.
- بىز توي قىلمايدىغان بولدۇق ئانا، ئۇ يەنە باشلىقىنىڭ گېپىگە كىرىپتۇ، باشلىقىنڭ نىمە مەقستى بارلقىنى بىلمدىم، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، يەنە تەۋرەپ قاپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىمەن! بولدى ئانا، ئەمدى توي قىلمايمەن. دادىسى يوق، خىزمىتى يوق ئادەمنى خەق مۇشۇنداق كەمسىتىدىغان بولسا، مەن چۇقۇم ئوقۇيمەن. مەن سىزنى قىيناپ قويماي دەپ ئوقۇمىغان ئانا، مەن نېمانچە شور پىشانە…ھى ھى ھى…- ئاينۇر ئىزىلپ- ئىزىلىپ يىغلىدى.
ئايسىخان ئانا ئۆرە تۇرغان بىلەن پۇت قولىدا جان قالمىغان ئىدى. ئاننىڭ نەپىرىتىمۇ ئىچىگە پاتمايۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئېليارنى ئىدارىسگە ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنڭ ياقسدىن ئېلىپ، خىزمەتداشلىرى ئالىدىدا باشلىقى بىلەن قوشۇپ راسا تىللغۇسى كەپ كەتتى، ھەتتائېليارنىڭ ئۈستدىن سوتقا ئەرىزقىلشنىمۇ ئويلىدى. ئەمما قىزىنىڭ ھەم ئۆزىنڭ يۈزىنى ئايىدى. قىزنى ئۇنڭغا چاپلىنپ تەگدى دېگەن ئاتاققا قويغۇسى كەلمدى.
- بولىدۇ قىزىم، ھېچنېمەم قالمىسىمۇ سىزنى چۇقۇم ئوقۇتىمەن، كۆڭلىڭىزنى ھەرگىز يېرىم قىلماڭ، ئۇ نائەھلى ئەمدى ئالدىمغا كېلىپ باقسۇنچۇ قېنى، - دېگىنىچە قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تەسەللىي بېرەتتى. قىزىنى «ئازابقا چىدىماي ئەخمىقانلىق قىلىپ ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ قالماس ھە؟ »-دەپ ئەنسىرەيتتى. ئانا ئەمەسمۇ ؟! ئايسخان ئاننىڭ يۈىكىمۇ قىزى ئاينۇربىلەن تەڭ پۇچىلاندى. ئاينۇر ئانىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ راسا بىر يىغلىۋالغاندىن كېيىن سەل پەسلىدى. ئانا قىزىغا تەسەللىي بېرىپ، كىچىككىنە بولسىمۇ تاماق يېيىشكە زورلىغان بولسىمۇ، ئاينۇر تاماق يېگىلى ئۇنىماي ئاچ قورساق يېتىپ قالدى. ئايسخان ئانا ئاينۇرنى ھېلمۇ پاك رازىيخان قۇدام يېندا تۇتۇپ پاكىز ھالەتتە ئېلپ كەلدى دەپ بىلەتتى ئاينۇر ئۆزىنڭ بۇلغانغننى ئانسغاقانداقمۇ ئېيتالىسۇن بىچارە ئاينۇر بۇنداق ياشغۇچە ئۆلۋالسامچۇ كاشكى دەپ زار- زار يىغلاپ ئۆلىۋېلشنىمۇ ئويلاپ باقتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇