تۆشۈك مونچاق 🧡 13-قىسىم

文摘   2025-01-22 00:04   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم2-قىسىم3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

ئۇنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ چېتىدىكى يالغۇز ئۆي بولۇپ، بارغۇچە يولدا ئېتىزلىقلار كۆپ ئىدى. ئىليار يولدا ماڭغاچ ئاينۇردىن قايتا - قايتا كەچۈرۈم سورايتتى، ئېسىگە كەلگەن شىرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئۇنى ماختايتى. ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيەتتى. يول يېرىم بولغاندا ئىليار ئاينۇرنى بىر تۈپ سۆگەتنىڭ يېنىغا تارتتى.

-ئاينۇر جېنىم بىردەم پاراڭلىشايلىچۇ، - دەپ ئۇنى سۆيۈپ يەنە قۇچاقلاپ باغرىغا باستى ئوتلۇق لەۋلەر بىر- بىرىگە تېگىشتى، ئۇلاربۇ شېرىن مىنۇتلارنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى.

- سىزنى سۆيىمەن ئاينۇرۇم سىزنى ئاران تەستە قايتۇرۇپ كەلدىم. سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن جېنىم مەڭگۈ... مېنى كەچۈرۋېتىڭ، -دەپ ئېليار ئاينۇرنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپ قايتا- قايتا تەكرارلايتتى.

- كەچۈردۈم جېنىم دەيتى - ئاينۇرمۇ بەدىنىگە ئوتلۇق ھارارەت تاراپ. مۇشۇنداق تاتلىق سۆيۈشىۋېتىپ ئىليارنىڭ نەپسى تۇيۇقسىز ئىتتىكلەپ ئاينۇرنى ئاستىغا باستى. ئاينۇر بەكلا قورقۇپ كەتتى.

-نېمە قىلىۋاتىسىز ئىليار مېنى قويۇۋېتىڭ قويۇۋېتىڭ دەيمەن دېگىنىچە ئىليارنى ئىتتىردى ئەمما ئىليار ئاينۇردىن ئاجرايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئاينۇر ئىليارغا يالۋۇرۇپ ياخشى گەپلەرنى قىلىپ باقتى ئەمما ئىليار.

– جېنىم بىز بەرىبىر توي قىلىمىز، سىز _مېنىڭ، مەن _سىزنىڭ، شۇڭا ماقۇل دەڭ، - دەپ ئاينۇرنى ئەسەبىيلەرچە سۆيەتتى.

- ياق بولمايدۇ، نېمە ئىش بولسا توي بولغاندا بولسۇن ئىليار ئۆتۈنۈپ قالاي دەپ يالۋۇرىدى ئاينۇر. ئەمما ئىليار قۇلاق سالمىدى ئىليارنى ھاراق خېلى ئوبدانلا تۇتقان ئىدى. ئاچچىقىغا چىدىمىغان ئاينۇر- قولۇڭنى تارت دېگىنىچە ئىليارنىڭ كاچىتىغا بىر شاپىلاق سالدى ئىليار دەماللىققا چۆچۈگەندەك قىلدىيۇ، بىراق ۋۇجۇدىدىن ئېتىلىپ چىققان تەلۋە بىر ھېسيات ئۇنىڭ قەلىب كۆزىنى توسۇپ قويغانىدى. ئېليار ئاينۇرغا قاراپ پەرۋاسىزلارچە :

- نېمە بولاتتى جېنىم، قاچانلا بولسۇن بۇ ئىش بولىدۇ، بۈگۈن بۇ پۇرسەتتە مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزۈپ قۇيۇڭ، - دەپ ئۇنى قويۇۋەتمەي تېخمۇ چىڭ قۇچاقلاپ ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى. ئەتىراپ قاپقاراڭغۇلۇققا تولغان، يىراقتىن ئىتلارنىڭ توختىماي قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاينۇر شۇنچە قارشىلىق قىلپ تىركىشەتتى، كىملەرنىڭدۇر كېلىپ ئۆزىنى قۇتقۇزىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى. ئەمما ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئەلەملىك نالىلىرىگە، كۆزياشلىرىغا ئىچ ئاغرىتقۇدەك بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. جىسمىغا ئېليارنىڭ ئاستىدىن قۇتۇلۇپ كەتكۈدەك بىر كۈچ قۇشۇلىشىنى نە قەدەر ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىز بالا دېگەن يەنىلا ئاجىز بولغاچقا ئىليارغا كۈچى يەتمىدى. بىچارە ئاينۇر ئېسەدەپ يىغلايتى، پۇت -قوللىرى توختىماي تىترەپ، يىغىدىن بۇغۇلغان ئاۋازى بىلەن << ئانا !... ئانا !... ، دەپ ئانىسىنى چاقىراتتى. بۇ دەقىقىلەر ئاينۇرغا شېرىن ۋىسالنىڭ تەمىنى ئەمەس، ئۆمرىدە ھېچكىمدىن ئېرىشىپ باقمىغان خورلىقلارنى كۆرسەتكەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئىليار مەقسىتىگە يەتتى. ئاينۇر قىزلىق ئىپپتدىن مۇشۇكۈنى كېچىدە ئايرىلىپ قالدى. ئۇ ئىليارنىڭ قوللىرىنى چىشلەيتتى يىغلايتى.

- سەن مېنى تۈگەشتۈردۈڭ، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ؟ -دەپ زار-زار قاقشايتتى.

- يىغلىماڭە جېنىم، مەن خاتالىقىمنى تونۇپ سىز بىلەن توي قىلىمەن دەۋاتىمەنغۇ، مانا !... سىزبەرىبىر مېنىڭ جېنىم، ھازىر بولسا نېمە بوپتۇ، ئەمدى ۋىسال شەربىتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىمىز، ھەر ئىككىلىمىز بىر- بىرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرساق، - دەپ ئاينۇرنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ تەسەللىي بېرەتتى. ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيەتتى، ئۇنى بەزلەيتتى، ئاينۇرمۇ يىغلاپ _ يىغلاپ سەل پەسلىدى. ئۇنىڭ بەدەنلىرى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىيتى. قەلبىدىكى بىرخىل ئەنسىزلىك، ئەندىشىلەردىن قەدەم ئېلىشلىرىمۇ تەس ئىدى. چىرايى تامدەك ئۆڭۈپ سارغىيىپ كەتكەن ئىدى. ئىليارمۇ مەستلىكىدىن سەل يېشىلگەندەك بولۇپ:

- ئەمدى يىغلىماڭ جېنىم، ئۆيدىكىلەر بىلىپ قالمىسۇن دېدى. ئۇلار بىر - بىرىنىڭ توپىغا مىلىنىپ كەتكەن كىيىملىرىنى قېقىپ، ئاينۇرمۇ چوڭلارنىڭ ئالدىدا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆيگە كۈلۈپ كىردى. رازىخان ئانا :

- ھە كەلدىڭلارمۇ بالىلىرىم؟ ئىليار سەن چىقىپ ئۇخلا، مەن ئاينۇر قىزىم بىلەن بىللە ئۇخلاي.

رازىخان ئانا شۇنداق دېگىنىچە ئاينۇرغا ئۆزىنىڭ يېنىدىن ئورۇن راسلاپ، گەپ-سۆزسىزلا ياتتى. سەزگۈر ئانىنىڭ قەلبى بىرنەرسىنى ھېس قىلغان، نامۇناسىپ بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىنى كۆڭكلى تۇيغان بولسىمۇ، چىش يېرىپ بىرنەرسە دېيەلمەيتى. پەقەت:«ماۋۇ بەڭۋاش بالىلار يېمەيدىغان پوقنى يەپ قالمىغاندۇ-ھە؟ما قىزبالىنىڭ چىرايىنىڭ تازا خۇنى يوقا، گۈلدەك ۋاقتى بۇ بالىنىڭ... »دېگەن گادىرماچ ئوي بىلەن قىلدەك تولغىناتتى.

ئاينۇر بولسا ئۇيقىدىن بىدارئۆزتىنىقى ئىچىگە چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىپ كېتىۋاتقاندەك، يۈرىكى ئىچىگە پاتماي بارلىق ئەلەم-دەردلەر بىلەن قوشۇلۇپ تۆكۈلىپ كېتىدىغاندەك، لىققىدە ياغ چۈچىۋاتقان قازاندا قايناۋاتقاندەك تەگسىزبىرئازابتا پۇچىلىناتتى، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى تىتىرىتىپ تۇرۇپ، جىمى غەملىرى تۆكۈلۈپ كەتكىچە قانغۇچە يىغلىۋالغۇسى كېلەتتى، ئەمما يىغلىيالمايتى. يېنىدا تىنىمسىز ئۇھ تارتىپ ياتقان رازىخان ئانىدىن خىجىل بولۇپ بىلىنەر بىلىنمەس چىقىۋاتقان ئۆكسۈشلىرىنىمۇ يوشۇرۇپ، مىڭ ئوتنىڭ ئىچىدە پۇچىللىناتتى. يۈرىكى ئۇنىڭغا :«ئىسىت سېنىڭ شۇ بىچارە تېنىڭدىن باشقا نېمەڭ قالدى، قىزلىق ئىپپىتىڭنى بىردەملىك ھەۋەسكە تېگىشتىڭمۇ؟»دېگەندەك، مېڭىسى بولسا:«ساپ مۇھەببەت شۇنىڭ بىلەن قىممىتىنى يوقاتتىمۇ؟»دېگەندەك قىلاتتى. ئۇ شۇنداق تېگى يوق سوئاللار بىلەن قاچان، قانداق ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ بىلمىدى. بىر چاغدا رازىخان ئانىنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئويغىنىپ، سىرىتقا چىقتى، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدا تاۋلىنىپ تۇرغان رەڭگا-رەڭ گۈللەرمۇ ئۇنىڭ دىل مەيلىنى تارتالمىدى. ناشتىلىق تەييارلاش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن رازىخان ئانا ئاينۇرنىڭ چىققىنىنى كۆرۈپ، سۇسلا سالام قىلدى ھەم:«ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟»دېدى.

 -ھەئە، خې. ،. خېلى، ياخ... شى، -ئاينۇر نېمىنىدۇر ئۈركىپ كەتكەن قوزىدەك شۈمشىيىپ كەتكەن، ئۇ دۇدۇقلىغىنىچە زورىغا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، -مەنمۇ ياردەملىشەيمۇ؟

 -ياق، بولدى، -رازىخان ئانا خۇددى ئاينۇر قازان بېشىغا كەلسە تەييارلىغان ناشتىلىقنى يېگىلى بولمايدىغاندەك شۇنداق جىددىيلەشتىكى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئادەم، ئۇنى :«بىرەر خەۋىپكە دۇچ كەلگەنمىدۇ؟»دەپ قالاتتى. ھەقىقەتەن بىر ئۆمرىنى دىيانەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ساپدىل ئانىغا ئوغلى ئېلىيار بىلەن ئاينۇرنىڭ ئاخشامقى ھالىتىنى كۆرۈش بەكمۇ ئېغىر كەلگەنىدى. ئۇ ئىچ-ئچىدىن ئۆزىنى ئەيىبلەيتى:«خەقنىڭ قىزىنى تېخى رەسمىيەتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ قوندۇرغاندىكىن مەندىمۇ بارتازا، تۈنۈگۈنلا ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەرسەم بولماسمىدى بۇ بايقۇشنى!؟خەپ!»... ئۇنىڭ ئېغىر خىيالى قازاندىكى سۈتنىڭ تېشىشى بىلەن بۆلىنىپ كەتتى.

 -خەپ، ھېچقاچان تاشمايدىغان سۈتنىڭ بۈگۈن تېشىپ كېتىپ بارغىنىنى، -رازىخان ئانا ئاچچىقىنى قازان بېشىدىكى كورىدىن ئالماقچىدەك، ئۇنى قولىغا ئېلىپ تاراقشىتىپ ئوچاق بېشىدىن نېرىغا چۆرىۋەتتى-دە، ئاچچىق بىلەن توۋلىدى، -ھەي ئېلىيار قوپمامسەن؟قاچانغىچە ياتىدىكىن كۆككە تىردويغان تەخەيدەك، بولە ناشتا قىلىمىز.

 ئاينۇر ئانىنىڭ قەلبىنى ئالىقاچان چۈشەنگەن:«ھەممىنى سېزىپ بوپتۇ-دە!»دېگەن گادىرماچ تېڭىرقاش ئىلكىدە «ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق »ھالەتتە تۇراتتى.

 ئېلىيارمۇ خامۇش بولۇپ قالغان ئادەمدەك ئەلەڭلەپ چىقىپ كەلدى. رازىخان ئانا ئوغلىنىڭ ئەركىلەپ :«ناشتىلىققا ھالۋا ئەتتىڭمۇ ئانا؟»دېگەن گېپىگە پەرۋامۇ قىلماي:

 -چاققان بول، ناشتا قىلىپ، ئاينۇرقىزنى ئېلىپ، ئايسىخاننىڭ ئۆيىگە بارىمىز، -دېدى سوغۇق ھالدا.

 ناشتا ئىنتايىن كەيىپسىزھالەتتە يىيىلدى. ئۇلار يولغا چىققاندا كۈن نەيزە بويى ئۆرلەپ خېلى تىكلەشكەن، مەھەلە-كويدىكىلەرتۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئېتىزلىققا جۆنەشكە باشلىغان ئىدى. ئۇلارئۆز يېزسىدىن چىقىپ ناھىيە بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن بىر تاكسىنى توسۇپ، ئاينۇرنىڭ مەھەللسگە قاراپ يولغاچىقىتى. ئۇلارئاينۇرنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئايسىخان ئانا ھويلىغا تېرىلغان كىچىككىنە گۈللۈكنى ئوتاۋاتاتتى. ئۇ مېھمانلارنى كۆرۈپ قىزغىن سالاملىشىپ، ئانا-بالا ئىككەيلەننى ئۈزۈم بىدىشى ئاستىدىكى سۇپىغا باشلىغاچ، ئاينۇرنى جورىدى:

-بولۇڭ قىزىم، ئۆيدە مۇزدەك ساقلىغان قېتىق بار، ئېلىپ چىقىڭ.

ئۇ شۇنداق دەپ ئوچاق بېشىدىكى تەڭلىدىكى ناننى ئېلىپ، گۈللۈك داستىخاننى سالدى-دە ئۇشتىدى، بىردەمدىلا ھويلا ئىچىنى پىياز بىلەن رەيھان سالغان، سىڭىپ پىشقان ناننىڭ خۇشبۇي ھىدى بىر ئالدى.

رازىخاننىڭ كۆڭۈل غەشلىكى ئايسىخاننى كۆرۈپ يېشىلىپ كەتكەن ئىدى. ئىككى ئانا ئۇزۇن يىللىق قەدىناسلاردەك گۇڭۇر- مۇڭۇرمۇڭدىشىپ، ئاۋۋال ئىتىز- ئېرىق، باغ- باراڭلىرىنىڭ، ئېغىل - قوتان، كالا-قويلىرىنىڭ، ھەتتا ھويلىدىكى ئوتياش-كۆكتات، گۈل-گىياھلىرىنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتتى، كېيىن رەسمىي گەپكە ئۆتۈپ، بالىلارنىڭ توي ئىشىنىڭ مەسلىھەتىگە چۈشىشتى. ئۇلارنىڭ ھالىتىدىن ئاينۇرمۇ سەل يەڭگىللەپ قالغان بولۇپ، ھەدەپ ئانىسى باياتىن ئوتاپ، يېرىم قىلغان كۆكتاتلىقنى ئوتىغاچ شىرىن خىيالغا چۆمگەنىدى.

-قىزىم، باغدىكى سەۋزىلەر باش بوپتىكەن، كىچىك بولسىمۇ يۇلۇپ ئېلىپ چىقىڭە، تاماق ئېتىلى، مەن گۈرۈچ يۇياي.

ئايسىخان ئانا شۇنداق دېگەچ كاتتىن چۈشكىلى تەمشىلىۋىدى، رازىخان ئانا تۈزۈت قىلدى:

 - تاماق ئەتمسلە ئاچا، بىزمۇ ئۇزۇن ھايال بولۇپ قالدۇق، شىرىۋاخۇن مال باققىلى چىقىپ كېتىۋىدى، كىرسە قورسىقى ئاچ ئولتۇرۇپ قالمىسۇن. بىزمۇ خوش دەيلى.

 رازىخان ئانا گېپىنى تۈگىتىپ، رەھمەت ئېيتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، پەسكە چۈشتى، ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى:

- ئەمسە ئاچا، توينى تېزىراق قىلۋېتەيلى، بۈگۈندىن باشلاپ توي تەييارلىقىنى باشلۋەتسەك، كېلەر ھەپتە مەن تۇغقانلارنى باشلاپ كېلەي، مەسلھەت چېينى قىلپ توي ۋاقتنى بېكتۋېتەيلى.

ئايسخان ئانىنىڭمۇ كۈتكىنى شۇ ئىدى، بالىلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويسا، تېزراق پىتنە-پاسات، غەم-قايغۇدىن خالىس بولسا، «باش ئاغرىقى»ئوڭشىلىپ قالاتتى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇



Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章