كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
تاماقلار يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن چوڭلار توينىڭ ئىشىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا پاراڭغا چۈشتى. ئاينۇر، ئۇ ئەرنىڭ پۇتىنىڭ ئاقسايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇز ياشتىنمۇ چوڭراق ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىدى. گەرچە ئۇ ئەرنىڭ چىراي تۇرقى جايىدا بولسىمۇ، بىراق ئاينۇرنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم ئىدى. چوڭلار توينى قانداق قىلىش تويلۇقنى، قانداق ئېلىش توغرىسىدا ئۆز ئارا پاراڭلاشتى، ئاينۇر بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەي يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. نېمە ئامالى بولسۇن ئاچىسى ھەم ئانىسى، بۇ تويغا قارار چىقىرىدىغان تۇرسا. تاماقلار يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن چوڭلار ئۆز ئارا پاراڭلىشىپ ئۇلارنى ئېلىپ بازارغا چىقىپ بىر نەرسە ئېلىپ بەرمەكچى بولدى، ئاينۇر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن ئۇلارغا ئەگەشتى. ئاينۇر بىلەن توي قىلماقچى بولغان، ئۇ يىگىتنىڭ ئىسمى سەمەت ئىدى. يولدا ماڭغاچ سەمەت ئاقساقلىغىنىچە ئاينۇرنىڭ قېشىغا كەلدى نېمە كەيگىڭىز بار ؟ نېمىنى كۆڭلىڭىز تارتسا ماڭا دەڭ شۇنى ئېلىپ بېرەي. ھېچنېمە دېدى ئاينۇر. سەمەت ئارتۇق گەپ قىلالماي، جىم بوپقالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇسۇرلاشتى بىردەمدىن كېيىن رەخت بازىرىغا كەلگەندە ئاينۇرغا بىر كىيىملىك جىڭ سارچا ئالدى. ئايسىخان ئانىغىمۇ بىر كۆينەكلىك شىپىڭدخۋا ئالدى. يەنە شۇنداق، بازار ئايلىنىش رەخت سېتىۋېلىش جەريانىدىمۇ ئاينۇر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاينۇرنىڭ گەپ قىلماسلىقى نارازىلىقتىن ئەمەس، ئاچىسى ئۈچۈن بۇنچە زور بەدەلنى تۆلىگىنى ئۈچۈن يۈرىكى ئاغرىپ شۇنداق قىلغان ئىدى. مەن نېمە ئۈچۈن ئاچام ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈدەكمەن ؟ ئۇنىڭ ئېسسىيانكار قەلبى شۇنداق دەپ نالە قىلاتتى. ئەمما، ئاچىسىنىڭ ھەم ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا قارشى چىقالمايتتى. ھەركۈنى سەھەر ناشتسنى قىلىپ بولۇپ دۇكانغا چىقىش ئۈچۈن كىيىم ئالماشتۇرۇپ، گىرىم قىلىش ئۈچۈن ئەينەككە قارىغاندا ئۆزىنىڭ گۈزەل چىرايىغا قاراپ، مۇشۇ چىرايىم بىلەن ئاشۇ بىر پۇتى ئاقسايدىغان ئۆزۈمدىن چوڭ ئادەمگە تېگەرمەنمۇدەپ ئەينەك ئالدىدا يۇم-يۇم يىغلايتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئىچى سىقىلاتتى ئەمما ھېچكىمگە دەردىنى تۆكمەيتتى. ئۇنىڭ ماشىنىچىلىققىمۇ رايى قالمىغان ئىدى. ھېچ ئىشقا قولى بارمايتتى. ئۇ خىيال سۈرەتتى، يىغلايتتى، ئۇنېمە قىلىشنى بىلمەي يۈرگەن شۇ كۈنلەردە بۇ مەھەللىگە بىر سەنئەت، ئۆمەكنىڭ ئارتىسلىرى ئويۇن قويغىلى كەلدى ئويۇن باشلىنىدىغانغا نەچچە سائەت بار ئىدى. ئاينۇر ئارتىسلار ئويۇن قويغىلى كەلسە ئولتۇرالمايلا قالاتتى، چۈنكى كىچىكىدىنلا سەنئەتكە بولغان ئوتتەك بىرئىشتىياق ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدى. ئۇ كىچكىدىنلا مەكتەپ تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش پائاليەتلىرى باللار بايرىمدا مەكتەپتە ئويۇن قويۇش سەھنىلىردە كوپ قېتىم ناخشا ئېيتىپ ئۆزنىڭ ناخشا ئېيتشتكى ئالاھىدىلكنى نامايان قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى كىنوخانىدا ئىشلەيتتى. بۈگۈن ئۇبىلەت ئالماي ئويۇن كۆرۈشنى خىيال قىلىپ نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە كىردى ئۆيدە نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئايالى پاتمە ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىۋاتقان ئىدى، ئاينۇرنى كۆرۈپ ئۇلار قىزغىن قارشى ئالدى.
- كېلىڭە چىرايلىق سىڭلىم دېدى، - نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئايالى پاتىمە ئاينۇرنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، - بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز جۇمۇ، كەچتە بىللە ئويۇن كۆرەيلى، چىقىپ كەتمەڭ-ھە_ دەپ ئوخشىغان بىر تەخسە لەغمەننى ئاينۇرنىڭ ئالدىغا قويدى. نەچچە ۋاقىتتىن ئىچ پۇشۇقىدا گېلىدىن تۈزۈك غىزا ئۆتمەي يۈرگەن ئاينۇرغا لەغمەن بەكمۇ تېتدى. ئۇ تاماقنى مەززە قىلىپ يەپ بولغاندىن كېيىن پاتمە قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئاينۇربىلەن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئاپتاپسىنغاچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئاينۇر نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئايالى پاتىمەنىڭ تەرىپلىگىنىدەك، بۈگۈن راستىنلا بەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئانىسىنىڭ ھالرەڭ چېكەن كۆينىكىنى ئۆزگەرتىپ تىكىپ كىيىۋالغان كۆينىكى تال-چىۋىقتەك ئەۋرىشىم بويىغا تولىمۇ ياراشقان بولۇپ، بەلگە چۈشىدىغان ئۇششاق ئۆرۋالغان چاچلىرى خۇددى يۇمران مەجنۇنتالدەك يېيىلىپ تۇراتتى. ئۇلار قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئويۇن قويغىلى كەلگەن ئارتىس بولسا كېرەك، بىر كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئالاھىزەل بىر چاي قاينىمى ئۆتۈپ، ئۇ كىشى يەنە قايتىپ كىرىپ، ئۇدۇللا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى ھەم ئاينۇرغا سەپسېلىشقا باشلىدى.
- سىڭلىم سىز ئەجەب« ئانارخان» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژ ئانارخانغا ئوخشايدىكەنسىز دېدى ھېلىقى كىشى كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئاينۇر سەل تارتىنغاندەك تەرىزدە قىزىرىپ، ناتونۇش كىشىگە قارىدى-دە:
-مەن ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئوخشاي، ئانارخان دېگەن بەك چىرايلىق تۇرسا....
- سىزگە خۇشامەت قىلمىدىم، راستىنلا ئوخشايدىكەنسىز، بەك چىرايلىق ئىكەنسىز، سىڭلىم ئىسمىڭىز نېمە؟ -ناتونۇش ئەر بىر خىل قىزىقىش ئىچىدە يەنە سورىدى.
- ئىسمىم ئاينۇر-ئۇخىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كېتىدىغاندەك جاۋاب بەردى..
- سىڭلىم ناخشا ئېيتالامسىز؟ ئۇسسۇل ئوينىيالامسىز؟ دېمەكچى بولغىنىم مەن مۇشۇ ئۆمەكنىڭ باشلىقى. ئەگەر سەنئەتتە ئالاھىدىلىكىڭىز بولسا، سىزنى ئۆمىكىمىزگە تەكلىپ قىلساق، قوشىلامسىز؟ -دېدى.
سەنئەت ئۆمەكتە ئىشلەيدىغان بۇ كىشىنىڭ چىرايىدىن چىقىپ تۇرغان سەمىمىيلىكتىن ئاينۇر سەل ئويلىنىپ قالدى. نەچچە كۈندىن بېرى بېشىنىڭ ئىچ-تېشىنى قاتۇرىۋاتقان توي ئىشى ئېسىگە كېلىشى بىلىن ئۇنىڭ قەلبىدىن ئېغىر بىر يۈك غۇلاپ چۈشكەندەك تۇيغۇغا چۆمدى. ئۇ جىمىي غەمدىن مۇشۇ كىشىنىڭ گېپىگە كىرىپلا قۇتۇلۇپ كېتىدىغاندەك تەرىزدە خۇددى قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدىن يورۇقلۇققا چىقىپ قالغاندەك، گۈزەل بىر ئىستىقبال ئۇنى كۈتۈۋاتقاندەك كۆز ئالدى يورۇپ كەتكەنىدى. ئۆمەك باشلىقىنىڭ گېپى ئاينۇرغا ياغدەك ياققان بولۇپ، ئۇ تولۇق قارارغا كەلگەندەك جاۋاب بەردى:
- ھەئە، ناخشا ئېيتالايمەن، ئۇسۇلمۇ ئوينىيالايمەن.
- ئەمىسە سىزنىڭ ماھارىتىڭىزنى نەق مەيداندا كۆرۈپ باقايلى -ئۆمەك باشلىقى شۇنداق دەپلا ئىچىدىكى ئارام ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ، سازەندىلەرنى باشلاپ چىقتى ئويۇن باشلايدىغانغا يەنە نەچچە سائەت بار ئىدى. ئاينۇرھەم نەۋرە ئاكسنىڭ ئايالى ئۇشتۇمتۇت بولۇنغان بۇ ئشلاردىن ھەيران بولغاندەك بىر - بىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قېلشتى. ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ساپ، ياڭراق ئاۋازى بىلەن ساۋاقداشلىرى ۋە مەھەلىدىكىلەرگە ناخشا ئۇقۇپ بەرسىمۇ، مۇزىكىغا بىرلەشتۈرۈپ سەھنىلەردە ناتونۇش كىشلەرنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ باقمىغان ئاينۇر تەمتىرەپ سەھنىگە چىقتى.
- ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ سىڭلىم - ئۆمەك باشلىقى ئاينۇرغا خۇددى ئۇنىڭ غەمگۈزار ئاكىسىدەك مەدەت بېرىپ، سورىدى:
- قايسى ناخشىنى ئوقۇيسىز ؟
-ھە، ئوغلۇم دېگەن ناخشىنى ئوقۇي، - دېدى ئاينۇر جىددىيلىشىپ.
شۇ چاغلاردا ئوغلۇم دىگەن بۇ ناخشا تازا مودا بولۋاتقان بولغاچقا، ئاينۇر بۇ ناخشنى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئۆگىنۋالغان ئىدى. ئۇ تازا جىددىيلىشىپ تۇرغاندا، سازەندىلەر مۇزىكىنى باشلىۋەتتى ئاينۇرمۇ سەل ئىككىلىنىپ، مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن ناخشىنى باشلىۋەتتى.
سۈيۈپ قانماي سېنى ئوغلۇم،
كۆزۈمنىڭ قارىسى دەيمەن.
يېقىپ مەڭزىڭنى مەڭزىمگە،
بېغىمنىڭ ئالمىسى دەيمەن.
پۇتۇڭغا گەر تىكەن كىرسە،
ئالاي كىرپىكلىرىم بىلەن.
گۈزەل ئارزۇ مۇرادىڭنى،
نۇرانە پانۇسى دەيمەن.
ئۇنىڭ قوڭغۇراقتەك يېقىملىق ئاۋازى كىنوخانىنى زىلزىرىگە كەلتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ بايامقى جىددىيلىكى ئۆزى ئۈچۈن سۆيۈنىشلىك ئىش ھېسابلىنىدىغان ناخشا ئۇدارىغا ئەگىشىپ، بارا-بارا پەسەيمەكتىەئىدى. ئۇ، ئۇداردىن چىقىپ كەتمەي، مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ ناخشىنى شۇنچىلىك يېقىملىق ئېيىتتىكى، سازەندىلەرمۇ ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىغا قايىل بولماي تۇرالمىدى. ناخشا تۈگۈشىگىلا كۇلۇب ئىچىدە بار بولغان سازەندىلەرۋە باشقا ئارتسلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
ئۆمەك باشلىقى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، تەبىي ھەم سەمىمىي كۈلكىسى بىلەن ئىپتىخارلىنىش تەرىزدە ئېيتتى:
- بولىدۇ، ئاۋازىڭىز ياخشىكەن سىڭلىم، ئاتا- ئانىڭىز بىلەن سۆزلىشىپ باقايلى، بىزنىڭ ئۆمەكتە ئىشلەڭ. ئەتراپىدىكى باشقا ئارتىسلارمۇ:«شۇنداق قىلىڭە سىڭلىم، سىز كۆمۈلۈپ قالغان گۆھەركەنسىز ئەمەسمۇ»دېيىشىپ، ئۇنىڭ قايناش ئالدىدا تۇرغان چۆگۈندەك ئىشتىياقىغا «ئوت يېقىشقا» باشلىدى. خوشاللىقتىن قىن-قىنىغا پاتمايۋاتقان ئاينۇرئۆزىنىڭ يوشۇرۇن تالانتىنى بايقاش بىلەن بىللە بۇ تويدىن قۇتۇلۇپ، يېڭىچە ھاياتىنى باشلايدىغان گۈزەل بىر ئارزۇدا شېرىن خياللارغا چۆمۈلگىنىچە ئۆمەك باشلىقى بىلەن خوشلىشىپ ئانىسىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى يەنە بىر خىل ئەنسىرەش، دىلىغۇللۇق چۇلغىۋالدى:«ئانام بۇ ئىشىمغا ئۇنارمۇ؟ئۇ قوشۇلمىسا قانداق قىلارمەن؟بۇ مەھەلىدىكى كىشلەر ئارتىس بولىدىغىنىمنى ئاڭلىسا نېمە دەركىن؟».
كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ كاللىسى قوماچ قورىغاندەك گادىرماچ بولۇپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى بىلمەيلا ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانىدى.
ئاينۇر ئۆيگە كىرگەندە ئايسىخان ئانا ھېلىلا سېغىلغان سۈتنى قېتىق ئۇيىتىش ئۈچۈن قاينىتىۋاتاتتى، ئەتراپنى ئوچاقتىن يېڭىلا سويىۋالغان پىياز سېلىپ ياققان ناننىڭ ھېدى بىر ئالغانىدى.
-ئانا، مەن كەلدىم، ئاينۇر، ئانىسىغا ئەركىلەپ قويۇپ، ئوچاقنىڭ ئالدىغا كەلدى-دە، ئوت چۇقچىلىغۇچنى قولىغا ئالدى، -ئانا، مەن قىلاي، بىردەم ھاردۇقىڭزنى ئېلۋېلىڭ ھە، ھېرىپ كەتكەنسەنسز...
-ھارمىدىم بالام، -ئايسىخان ئانا ئالدىغا چۈشىۋالغان ئاق چېچىنى تۈزەشتۈرگەچ سورىدى
، -قىزىم پاتەمخان ئاچىڭىز تېچ-ئامان تۇرۇپتىمۇ؟
-سالامەتكەن ئانا، شۇ...
ئاينۇرنىڭ ئىچىدىن چىقىرالمايۋاتقان بىر گېپى بارلىقىنى پەملىگەن ئانا كورىغا ئۇسۇلغان سۈتكە كۈنەلگە سېلىۋېتىپ، سورىدى:
-بىرەر گېپىڭىز بولسا ئۇدۇللا دەڭ قىزىم.
ئۇ دادىسىدىن كىچىك قالغان بالىلىرىنى تۇرمۇشتا بەك باياشاتلىققا ئېرىشتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتاتتى.
-ئانا، -ئاينۇر سەل دىلىغۇل بولۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، -مەن ئارتىس بولىدىغان بولدۇم.
ئانا تۇيۇقسىز ئاڭلىغان بۇ سۆزدىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى، قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك دەرگۇماندا قايتىدىن سورىدى:
-نېمە دەيدىغانسىز قىزىم!؟بىزگە ئارتىس بولۇشنى كىم قويۇپتۇ؟يا چوڭ مەكتەپتە ئوقىمىغان تۇرسىڭىز... -ئانا گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي ئېغىر ئۇھسىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئېيتمىسىمۇ ئۇنىڭ قەلب تىۋىشى قىزىغا ئايانىدى؛«دادىڭز ھايات بولغان بولسا، سىزمۇ ئادىشىڭىز زۆھرەدەك چوڭ مەكتەپتە ئوقاتتىڭىز»دەيتى ئۇ دائىم.
ئانىنىڭ غەمكىن خىيالىنى ئاينۇرنىڭ گېپى بۆلدى:
-مەن سەنئەت ئۆمەككە قوبۇل قىلىندىم، ئانا، باشلىق ئادەم شۇنداق دېدى، -
ئەمدى ئانىنىڭ خىيالى ھەيرانلىققا ئالماشقانىدى.
-ئۇنداق ئوڭاي سەنئەتچى بولىدىغان ئىش نەدىكەن قىزىم؟ئادەمنى گەپكە سالمىڭە.
-راست ئانا، ئۇلار مېنى ناخشا ئېيتقۇزدى، ناخشام ياراپ قېلىپ تاللاندىم شۇ، -ئۇ ئانىسىنى قوشۇلسىكەن دېگەن تاما بىلەن خوشاللىقتىن چاقناپ كەتكەن كۆزىنى ئۇنىڭغا تىكىپ، ئەركىلىگىنىچە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - ئۇلار بىلەن بىللە كېتەيچۇ ئانا، ئارتىس بولىشىمغا قوشۇلىڭە...
-تېخى مەن سىزنى ھېلىقى كۈنى دېگىنىمدەك، شۇ ئادەمگە ياتلىق بولۇپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسە دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم قىزىم. -ئانا جىق سۆزلىگىسى بولسىمۇ توختاپ قالدى.
- مېنىڭ زادىلا توي قىلغۇم يوق، مۇشۇ سەۋەب بىلەن مۇشۇ تويدىن بىر قۇتۇلۇپ قالاي ئانا، بولامدۇ؟سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي...
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇