كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى خېنىگۈل قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «چىرايلىق ئۆي خىزمەتچىسى» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
بۈگۈنكى قىسىمى
ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگۈسى بولسىمۇ ئەمما ئۆزىنىڭ قىلغىنى كۆڭلىگە ئايان بولغاچقا قىزىنىڭ ئىتتىك مىجەزىدىن قورقۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بارالمايۋاتاتتى.
ئەمەلىيەتتە نادىرە ھېلىھەم خاتالىقنى باشقىلارغا دۆڭگەش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇۋاتاتتى.
چۈنكى ئۇنىڭ شەمسىيەنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن، ئەمما بۇ چاغ بولغاندا زەپەرنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئارزۇسىدىنمۇ ۋاز كەچكۈسى يوق ئىدى.
شۇڭا بىرەرسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزى ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىپ تۇرغاندا ئازراقلا ئۇخلىتىش دورىسى ئۇنى خېلى ئۇزۇن ئۇخلىتىپ قويغانىدى…
دوختۇر ئېيتقان مەسئۇلىيەتنامىگە قول قويۇشتا ئاپىسى بىلەن بۇرۇنقى يولدىشىنىڭ نېمە شۇملۇق قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ بىلگۈسى كەلمىدى، چۈنكى نېمىلا قىلغان بىلەن بولىدىغان ئىش ھامان بولۇپ بولغانىدى.
-زەپەرنىڭ ئوپېراتسىيەسى تېخى تۈگىمىدى.-دېدى بۇرۇنقى يولدىشى نادىرەگە قارىماي تۇرۇپ، ئۇ نادىرەنىڭ بۇنى بىلگۈسى بارلىقىنى ئەمما بوينى قاتتىقلىق قىلىپ سورىيالمايۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغانىدى.
نادىرە ئۈندىمىدى. ئەمما ئىچىدە ئوغلىنىڭ ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
بايا شەمسىيەنى ئەكىرىپ كەتكەن ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ دوختۇرلار يېنىپ چىقتى. نادىرە يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرۇپ سورىدى.
-دوختۇر قانداقراق قىزىمنىڭ ئەھۋالى…
-ھازىر ئەھۋالى تۇراقلاشتى، خاتىرجەم بولۇڭ، تېزلا ھوشىغا كېلىدۇ!
-مەن يېنىغا كىرسەم بولامدۇ؟
-بىرىڭلا كىرسەڭلا بولىدۇ، ئەمما سېسترالار خىزمىتىگە ماسلىشىشىڭلا كېرەك!
نادىرە يىغلاپ تۇرۇپ باش لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى.
نادىرە شەمسىيەنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى. ئىچىدە ئىزچىل زەپەرنىڭ ئوپېراتسىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تۇردى يۇ، ئەممابۇ ئىشتا ئەڭ چوڭ بەدەل تۆلىگۈچى بولغان شەمسىيەنىڭ يېنىدىن ئايرىلماسلىقنى قارار قىلغانىدى.
-دادا… دادا… !- شەمسىيە ھوشىغا كەلگەنىدى.
ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغان نادىرە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
-قىزىم شەمسىيە… مەن يېنىڭىزدا قوزام.
شەمسىيە كۆزىنى ئېچىشى بىلەن نەچچە تامچە ياش سىرغىپ چىقىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ كەتتى.
ئارانلا تۇرغان نادىرە ئىچ-ئىچىدىن ئازابلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتكەچ دېدى.
-مېنى كەچۈرۈڭ قوزام…
زەپەرنىڭ ئوپېراتسىيەسى ئالتە سائەت داۋاملىشىپ ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
بۇ خەۋەرنى نادىرەگە ئۇنىڭ ئاپىسى يەتكۈزدى.
بۇ چاغدا شەمسىيە ناركوز دورىسىنىڭ كۈچى كەتكەچكە ئاغرىق ئازابىدا ئىڭراپ قىزىپ كېتىۋاتاتتى.
نادىرە ئۆمرىدە بۇنداق قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. بىر تەرەپكە قارىسا قىزى بىر تەرەپكە قارىسا ئوغلى ھەر ئىككىلىسى ئۇنىڭ يۈرەك پارىلىرى ئىدى، ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئوپېراتسىيەدىن چىققان زەپەرنى كۆرگۈسى بار ئىدى ئەمما شەمسىيەنى بۇ ھالدا يالغۇز تاشلاپ ئۇ يەرگە چىقالمايتتى.
ئاخىرى جان قىينىشىپ يۈرۈپ بىر كېچە ئۆتۈپ كەتتى.
تاڭ ئاتارغا يېقىن شەمسىيە ئىڭراشتىن سەل توختاپ كۆزى ئازراق ئۇيقۇغا بارغاندىن كېيىنلا نادىرە زەپەرنىڭ يېنىغا چىقتى.
زەپەر تېخى ھوشىغا كەلمىگەنىدى، قارىماققا ئەھۋالدىمۇ ھېچقانچە ياخشىلىنىش بولغاندەك قىلمايتتى.
نادىرە زەپەرگە قاراپ يىغلاپ تۇرغاندا شەمسىيە ئۆز ياتىقىدا كۆزىنى ئاچتى.
-ئاپا!… ئاپا!… -ئۇ ئۇسساپ كەتكەنىدى، ئەمما ئىككى يېنىغا تەستە قاراپ يېنىدا ھېچكىمنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ شۇ ھامان ئاپىسىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى بىر بىرلەپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.
ئاپىسى ئىلگىرى دائىملا كاماندىروپكىغا چىقىمەن دەپ ئۇنى تاشلاپ قوياتتى. شەمسىيە ئاخىرى ئاپىسىنىڭ نېمىشقا تولا كاماندىروپكىغا چىقىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدى.
ئەسلى ھەممىسى مۇشۇ كېسەلچان ئاكىسىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن. ئاپىسى ئاكىسى ئۈچۈن شەمسىيەنى دائىملا تاشلاپ قويىدىكەن. ئەمما شەمسىيەنىڭ بۆرىكى لازىم بولغان چاغدىلا ئاندىن ئۇ ھېچنېمىگە قارىماي شەمسىيەنى يېنىغا ئەكەلدۈرۈپتۇ. دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ رەھىمسىز ئاپا بولامدۇ؟ شەمسىيە مۇشۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرىدىن يەنە ئىختىيارسىز ياش ئېقىشقا باشلىدى.
ۋە «ئاپا!» دېگەن بۇ نامنى ئىككىنچىلەپ ئېغىزىغا ئالماسلىقنى قارار قىلدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى يارا ئېغىزىدىن بەكرەك يۈرىكى ئاغرىۋاتاتتى. مەيلى ئىشلارنىڭ ئەمەلىيىتى قانداقلا بولسۇن ئىشقىلىپ شەمسىيە مۇشۇنداق چۈشەندى.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.
شەمسىيە كارىۋاتتىن چۈشۈپ يەڭگىل ھەرىكەتلەرنى قىلالايدىغان بولدى. زەپەرنىڭ ئەھۋالدىمۇ ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىش بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ تېنى ئوپېراتسىيە قىلىنىشتىن ئاۋۋاللا بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەچكە ياخشىلىنىشى شەمسىيەنىڭكىدەك تېز بولمىسىمۇ، ئەمما كۆرۈنەرلىك ئىدى.
شەمسىيە گەرچە ئاپىسىغا ئۆچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكى بەدىنىگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ قانداقراق بولۇپ قالغانلىقىنى بەكلا بىلگۈسى بار ئىدى.
بىر كۈنى ئۇ ئۇخلاپ ئويغانغاندا يېنىدا ھېچكىم يوقلىقىنى كۆرۈپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپتىكى ياتاقلارنى ئارىلاپ ئاكىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاكىسى تۇرغان ياتاقنى تېپىۋالدى. ئەسلى ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى نەچچە كېسەلخانا ياتىقىلا ئايرىپ تۇرىدىكەن.
ئاكىسىنىڭ يېنىدا چوڭ ئاپىسى ئاپىسى، يەنە بىر ئادەم بار بولۇپ قارىماققا ئۇلار تولىمۇ خۇشالدەك قىلاتتى.
بۇنى كۆرۈپ شەمسىيەنىڭ يىغلىغۇسى كەلدى. ئۆزىنى تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلىپ دادىسىنى سېغىنىپ كەتتى.
ئۇنىڭ دادىسىغا تېلېفون قىلغۇسى بار ئىدى، ئەمما دادىسىنى ئەنسىرەتمەسلىك دېگەن بىر ئۇقۇم، ئۇنى ھەر قاچان ئازابىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر قىلاتتى.
ئۇ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدى. بۇنى بۇ تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغان ئاپىسى بىلەن چوڭ ئاپىسى كۆرمىگەن بولسىمۇ ئەمما زەپەر كۆرۈپ قالدى.
زەپەرنىڭ ئىشىككە قاراپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن نادىرە بىر ئىشنى كۆڭلى تۇيغاندەك بولۇپ سىرتقا يۈگۈرۈپ چىقتى.
دەرۋەقە شەمسىيە ياتىقى تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، ئەمما ئۇ بەك كۈچەپ يۈگۈرگەنلىكتىن يارا ئېغىزى ئاغرىپ كېتىپ ۋايجان دېگىنىچە توختاپ قالدى. نادىرە شۇ ھامان يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى يۆلىدى.
-قىزىم… ئاغرىپ كەتتىمۇ؟
-مېنى قويۇۋېتىڭ!- شەمسىيە ئۇنى سىلكىدى.-ئەمدى ئوغلىڭىز ساقىيىپتۇ. مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟، مېنىڭ دادامنىڭ يېنىغا كەتكۈم بار!
نادىرە ھېلىمۇ بىر ھەپتىدىن بېرى شەمسىيەنىڭ ئۆزىنى «ئاپا» دېگىلى ئۇنىمىغىنىغا بىئارام بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى بۇ گەپ بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتتى.
-دادا، مېنى يەرگە قويۇڭ!
تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن زەپەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ شەمسىيەنىمۇ نادىرەنىمۇ ھەيران قالدۇرۇۋەتتى ئۇلار ئىككىلىسى تەڭلا ئۆرۈلۈپ ئارقىسىغا قارىدى.
زەپەرنى دادىسى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ زەپەرنىڭ گېپى بىلەن ئۇنى ئاستا يەرگە قويدى. زەپەر ئاستا قەدەملەر بىلەن شەمسىيە بىلەن نادىرە تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى.
-سىڭلىم رەھمەت سىزگە! مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپسىز… مەن ھەممىنى بىلدىم. ئوپېراتسىيە قىلغان يەر ھازىرمۇ ئاغرىۋاتامدۇ؟ مەن ئۇ چاغدا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. ھوشۇمدىن كەتمىگەن بولسام بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلىشقا ھەرگىز قوشۇلمىغان بولاتتىم. كەچۈرۈڭ مەن ئاكىڭىز تۇرۇپ سىزنى قوغدىيالمىدىم… مەن قايسى كۈنى سىزنى كۆرگىلى چىققان ۋاقتىمدا سىز ئۇخلاپ قاپتىكەنسىز…
شەمسىيە ئاپىسىنى ئىتتىرىپ يىغلاشتىن توختاپ زەپەرگە زەن سېلىپ قارىدى.
زەپەر ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقان بولغاچقا يەنىلا چىرايى تاتىراڭغۇ بەدىنى ئورۇق ئىدى.
دوختۇرلار يېڭى كۆچۈرۈلگەن بۆرەكتە يەكلەش ئالامىتى كۆرۈلمىسىلا باشقا چاتاق يوق بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىپ ئاساسىي جەھەتتىن نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ دېگەنىدى. ھېلىمۇ ياخشى بىر ھەپتىدىن بېرى تەكشۈرۈشلەر نورمال بولۇپ ھەممىسىنىڭ كۆڭلى بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەنىدى.
شەمسىيە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۇكىسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۆزىنىڭ چوڭ بالا ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ئاچىسى ياكى ئاكىسىنىڭ بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا بىر ئاكىسى پەيدا بولۇپ قالدى. يەنىمۇ كېلىپ ئاكىسى بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ ئەھۋالدا يۈز كۆرۈشۈۋاتاتتى.
ئۇ زەپەرنىڭ ئارقىسىدىكى ئادەمگە قارىدى، ئاندىن زەپەرنىڭ بايا بۇ ئادەمنى دادا دەپ چاقىرغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى، بۇ ئادەم دەل ھېلىقى كۈنى شەمسىيەنىڭ يىغلاشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماي ئۇنى دوختۇرنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرگەن ئادەم شۇ ئىدى. شەمسىيە شۇ چاغدىلا بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك بولدى. ئاپىسىنىڭ نېمىشقا ئۆزىنىڭ يەنە بىر بالىسى بارلىقىنى ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنىڭ، نېمىشقا دادىسى دولقۇننىڭ بۇ ئىشلاردىن پەقەتلا خەۋىرى يوقلىقىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولغان شەمسىيەنىڭ ئاپىسىغا بولغان ئۆچمەنلىكى يەنە بىر ھەسسە كۈچەيدى. داداممۇ ماڭا ئوخشاشلا بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دېگەن ئۇقۇم كاللىسىدا تېخىمۇ ئېنىق بولدى.
شۇ ھامان شەمسىيەنى يەنە قورقۇنچ بېسىۋالدى. ۋە ھېچكىمگىمۇ گەپ قىلماي يارىسىنىڭ ئاغرىشىغىمۇ چىداپ كۈچەپ ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈرگەندەك مېڭىپ ياتىقىغا كىرىپلا كارىۋاتقا چىقىپ يېتىۋالدى.
نادىرە يەنە دوختۇرخانىنىڭ سوغۇق تېمىغا يۆلىنىپ قالدى. قاپساپ كەلگەن يىغىسىنى چىشىنى چىشلەپ ئىچىگە يۇتىۋەتتى. ئۇ زىيادە ئازابلىنىشىنىڭ ئاران مۇشۇنچىلىك بولغان ئوغلى زەپەرنىڭ كەيپىياتىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ قويۇشىنى خالىمايتتى.
يەنە بىر شەھەردە دولقۇن بىر ھەپتىدىن كېيىنكى چاقلىق ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ ئۆزى ئاستا ھەرىكەت قىلىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىۋاتاتتى.
ئۇ ھازىر نادىرەگە تېلېفونمۇ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ،
نادىرە شەمسىيەنى تۇتقۇن قىلىۋالغۇچىلارغا پۇل بېرىپ شەمسىيەنى يېنىمغا ئەكىلىۋالدىم دېگەن بۇ ئىشنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىگە دولقۇننىڭ ئەقلى يەتمەي ئاستىرتتىن ئادەم قويۇپ تەكشۈرتكۈزگەنىدى.
ئەمما نادىرەنىڭ دولقۇن بىلىدىغان ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدىن پۇل يۆتكەلمىگەنلىكى ئېنىقلاندى.
دېمەك بۇ ئىشتا ئىككى خىل ئېھتىماللىق باردەك قىلاتتى بۇنىڭ بىرى شەمسىيەنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى نادىرە پىلانلىغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى نادىرە بەلكىم دولقۇننىڭ ئوي خىياللىرىنى بىلىپ قالغان بولۇشى. شۇڭا مۇشۇنداق بىر ئويۇننى ئويناپ چىقىپ، شەمسىيەنىمۇ يېنىغا ئاپىرىۋېلىپ ئاستىرتىن دولقۇننى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بابلاشنىڭ پىلانىنى تۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
يەنە بىرى دولقۇن ئويلىغاندەك نادىرەنىڭ باشقا يەردە تىقىپ قويغان بەك جىق پۇللىرى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بىرىنچى خىل ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا نادىرە شەمسىيەنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارغا شۇ پۇلىدىن ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
مەيلى قايسى خىل ئېھتىماللىق بولسۇن، ئىشقىلىپ دولقۇن ھازىرچە ئۆزىگە كېلىۋاتقان، يوشۇرۇن خەتەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىخەتەر ئىدى، شۇڭا ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ بىمالال ھەرىكەت قىلالايدىغان بولۇشى ئىشلارغا ئۆزى قول تىقىپ قېلىشى كېرەك ئىدى.
ئەمما ئۇ ئالدىرىغانسېرى، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تولىمۇ ئاستا بولۇۋاتاتتى.
سۇنۇقتىن دەز يامان دېگەن گەپ راست بولسا كېرەك. ئۇ سەللا ئارتۇق ھەرىكەت قىلىپ قويسا مېڭىسىگە چىقىپ كېتىدىغان چىدىغۇسىز ئاغرىق ئۇنى قىيناپ بىر يەرگە ئاپىرىپ بولغانىدى.
بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ ئۆزىنى مۇشۇ پېشكەلچىلىككە ئۇچراتقان گۈلسۈمنى ئىچىدە تىللاپ كېتەتتى. ھايال ئۆتمەيلا يەنە گۈلسۈمنىڭ ھازىرغىچە ئۆزىگە ئۈزۈلدۈرمەي ئېتىپ شوپۇردىن كىرگۈزۈۋاتقان،،تەملىك،قۇۋۋەتلىك سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماقلىرى، يەنە گۈلسۈمنىڭ گۈزەل تۇرقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپلا باشتىكى ئويىدىن يالتىيىپ گۈلسۈمنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن بولسىمۇ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشكە بەل باغلايتتى.
گۈلسۈممۇ بۇ بىر ھەپتىنى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىش ئىچىدە ئۆت ئۆتكۈزۈۋەتتى.
ئىلگىرى ئۇنىڭغا ھەر ھالدا شەمسىيە بار ئىدى. نادىرەمۇ، ئۇنى قىل بۇنى قىل دەپ گۈلسۈمگە بىر كۈننىڭ قانداق كەچ بولۇپ كەتكىنىنى بىلمىگۈدەك جىق ئىشلارنى تاپشۇرۇپ گۈلسۈم ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيمايلا قالاتتى.
مانا ئەمدى ئۇنىڭ كۈنلىرى سەھەر تۇرۇپ دولقۇنغا ناشتىلىق تەييارلاش، ئاندىن ئۆزى خالار خالىماس ناشتا قىلىپ ئۆي تازىلاش، كۆكتات سېتىۋېلىش، ئاندىن دولقۇنغا چۈشلۈك تاماق تەييارلاش، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمۇ نېمە پىروگرامما كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا تېلېۋىزور كۆرۈش،
ئاندىن ھېچ پاتقىلى ئۇنىمايۋاتقان قۇياشقا قاراپ بىر كۈننىڭ تېزرەك كەچ بولۇشىنى، ۋاقىتنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ، شەمسىيەنىڭ تېزراق قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈش بىلەن بىرگە مەنىسىزلىك ئىچىدە يەنە كەچلىك تاماق تەييارلاش بىلەنلا ئۆتۈۋاتاتتى.
كىشىنىڭ قورققۇسى كەلگۈدەك تىمتاس يوغان بۇ ئۆي ئىچى، ئۇنىڭغا خۇددى تۈرمىدەكلا تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى.
بۇ خىزمەتنى ئىشلىمەيمەن دەپلا كېتىپ قېلىشقا تېخى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ بۇ ئۆيدە تېرىغان بىرمۇنچە پېشكەلچىلىكلەرنىڭ تېخى باش ئاخىرى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىلالمۇ شۇ كەتكەنچە ئۇنىڭغا قايتا تېلېفونمۇ قىلمىدى ئىزدەپمۇ كەلمىدى. گۈلسۈم مۇشۇ چاغقا كەلگەندىلا ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
قېنى ئۇنىڭ دولقۇننى كەلتۈرۈۋېلىپ نادىرەنى ئازابلايمەن دەپ سوقۇپ كەتكەن پىلانلىرى، قېنى شەمسىيەنى ئۆزۈمگە ئامراق قىلىۋېلىپ ئاپىسىغا ئۆچ قىلىۋېتىمەن دەپ ئويلاپ كەتكەنلىرى، خىيال دېگەننى جاھاننى مالىمان قىلغۇدەك سۈرۈپ كەتكەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمىگەندەك، ھەممە پۈتۈنلەي ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنىدى. ئاخىرىدا چوڭقۇر ئازابتا قالغىنى يەنىلا گۈلسۈم بولدى.
ھازىر ئۇ ئىلگىرىكى رەزىل ئوي خىياللىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىش قارارىغا كەلگەنىدى.
پەقەت شەمسىيە تىنچ ئامان قايتىپ كەلسىلا، نادىرە ئۇنى قانداق جازالىسا ئۇ رازى ئىدى. مەيلى نادىرە بولغان ئىشلارنى شىركەتكە ئېيتىپ ئۇنى شىركەتتىن قوغلاتقۇزىۋەتسىمۇ گۈلسۈم كوچىلاردا يايما ئېچىپمۇ بولسا نادىرەنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇشنى. ئاندىن بەك غايىۋى خىياللارنى قىلماي، ئاددىي يەڭگىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېيىنكى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 47قىسىم تولۇق چىقىدۇ👇