كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر
ئەسەر ھەققىدە
ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئانارگۈل ئابلىز قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تۆشۈك مونچاق» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ئاندىن ئەسەر ئاڭلاشنى باشلاپ كېتىڭ!
باشقا قىسىملىرى
1-قىسىم | 2-قىسىم | 3-قىسىم |
4-قىسىم | 5-قىسىم | 6-قىسىم |
7-قىسىم | 8-قىسىم | 9-قىسىم |
بۈگۈنكى قىسىمى
ئاينۇر تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرغاندا بۇ ئىككى مېھمانغا سۇڭدىشىپلا ئاينۇرنىڭ ئانىسىمۇ سىرتتىن كىرىپ كەلدى.
- ۋوي كېلىپ قاپسىلەرغۇ دېدى ئايسىخان ئانا ئەجەبلەنگەن ھالدا ئۇ ئىككىسىگە قاراپ. - ھە كېلىپ قالدۇق دەپ ئېغىز ئاچتى ساتتار ئاكا، ئايسىخان ئاچا ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى بەكمۇ چىڭ ئىدى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئىليار خىزمەتداشلىرىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئېزىپتۇ كېيىن ئاينۇر قىزنى ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ ئاينۇر قىز ئۇنى كەچۈرمەپتۇ، ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ ئاينۇر قىزغا گەپ قىلغۇدەك يۈزۈم قالمىدى مەن ئۇنىڭسىز ياشىيالمىغۇدەكمەن، مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ باققان بولسىڭىز دېگەن ئىدى شۇڭا چىققان، ساتتار ئاكىنىڭ گېپى ئاياغلاشمايلا ئاينۇر قىز زەردە بىلەن ۋارقىرىدى.
- چىقىپ كېتىڭلار مەن ئۇنى شۇنچە ئۇزۇن كۈتتۈم ئۇنى دەپ ئاز بولمىغان سۆز چۆچەكلەرگە تۆھمەتلەرگە قالدىم شۇ چاغدا ئۇ مېنى ئويلاپتىكەنمۇ؟«سىز ئوقۇمىسىڭىز ئەمىسە بىز توي قىلمايلى دېگەن چاغدا، مېنىڭ غورۇرۇمنىڭ يەرگە ئۇرۇلغىنىنى ئۇ ئويلاپتىكەنمۇ؟ مېنىڭ پۇلۇمنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە مېنى خەلق ئالەم ئالدىدا تۆھمەتكە قويۇپ، مەندىن ئايرىلىپ كەتتى. ياق، مەن ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن، ھەرگىز كەچۈرمەيمەن! چىقىپ كېتىڭلار، يوقىلىڭلار!مەن توي قىلغىلى تەييار بولدۇم، ئەمدى مېنى ئارامىمدا قويۇڭلار، مەنمۇ خاتىرجەم ياشاي».
ئاينۇرئسەدەپ يىغلايتتى، ئۇ بۇ توينى قىلىمەن دېگىنى بىلەن توي قىلماقچى بولغان ئىليارنى قىلچە ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت تۇنجى سۆيگىنى ئىليارلار بار ئىدى. ئايسىخان ئانا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى. ئاينۇر يۈزىنى ئەتكىنىچە تېخىچە ئېسە دەپ يىغلاۋاتاتتى. ئايسىخان ئانا ئۇ ئىككىسىنى ئاستا سىرتقا چىقىشقا ئشارەت قىلدى، ئۇلار سىرتقا چىققاندىن كېيىن ئايسىخان ئانا :
- ئەمدى خاپا بولماي قايتىپ كېتىڭلار، ئوغلۇم ئىليار مەنمۇ سىزگە ئامراق ئىدىم، ئەپسۇس بۇ ئىشلارنى ئۆزىڭىز بۇزۇپ قويدىڭىز، ئەتە ئاينۇر قىزغا تويلۇق ئالغىلى بارىمىز، رىسىقىڭلار قوشۇلماپتىكەن، ئۇ بالىمۇ بۈگۈن كەلدى، ھازىر بەلكىم ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە، ئەمدى بۇ ئىشلارغا ئامال يوق، -دېدى.
ئۇلارئاستا چىقىپ كەتتى، ئىليار خۇددى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان مەھبۇستەك ھېچنېمە دېيەلمەي بېشنى ساڭگىلاتقىنىچە ئۇزىدى. ئۇلار قايتىپ چىقىپ بىردەم بازار ئايلىنىپ، كەچتە ساتتار ئاكىنىڭ بۇ مەھەللىدىكى يېقىن دوستى ھەسەننىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. ئۇلار ئۇزاپ، ئالاھەزەل ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئاينۇر بىلەن توي قىلماقچى بولغان ئىليار ھەم ئاچىسى ئارزۇگۈل دۇكانغا كىرىپ كەلدى. ئايسىخان ئانا ئۇلارغا چاي قويۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى، دۇكان كىچىك بولسىمۇ، ئۇلار بىردەم ئەركىن ئازادە پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئەتە ئەتىگەن ناھىيىگە كىرىپ، تويلۇق ئېلىۋېتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارمۇ چىقىپ كەتتى.
ئاينۇرنىڭ كەيپىياتى شۇنچىلىك ناچار ئىدى. كەچكىچە ئۇ شۇنچىلىك روھسىز ھالدا كۈننى كەچ قىلدى. ئايسىخان ئانا قىزىنىڭ كەيپىياتىدىكى بىئاراملىقنى كۆرۈپ:
- قىزىم سىزبالدۇرراق كىرىپ ئارام ئېلىڭ، مەن بىردەم دۇكان ئېچىپ كىرەي، - دەپ ئاينۇرنى ئۆيگە كىرگۈزىۋەتكەندىن كېيىن خېلى كەچكىچە دۇكان ئېچىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە مېھمانخانا ئۆيدە دۈم يېتىپ مىشىلداپ يىغلاۋاتقان ئاينۇر كۆز يېشىنى سۈرىتكىنىچە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ئاپا قايتىپ كىردىڭىزمۇ تامىقىڭىزنى ئىسسىتىپ بېرەي، دېگىنىچە، ئېتىپ تەييار قىلىپ قويغان سۇيۇق ئاشنى ئىسسىتىپ ئەكىردى. ئايسىخان ئانا جىمجىت ئولتۇرۇپ، بىر قاچا سۇيۇق ئاشنى ئىچتى، كېيىن بىرھازا ئچىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ، بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك :
- قىزىم بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، ئەتە ئەتىگەن تۇرمىساق بولمايدۇ، قاراڭە قاپاقلىرىڭىزمۇ ئىششىپ كېتىپتۇ، ئۆتكەن ئىشلارنى جىق ئويلاپ كۆڭلىڭىزنى چاچماڭ، -دېدى-دە، ئاينۇرنى مېھمانخانا ئۆيدە قالدۇرۇپ، ئۇخلاش ئۈچۈن ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. دېرىزىسى كۈنگەيگە قارايدىغان بۇ چوڭ ھۇجرا ئۆيدە ئايسىخان ئانا ئاينۇرنىڭ ئىككى سىڭلىسى بىلەن بىللە ياتاتتى. ئۇ يېتىپ خېلىغىچە ئۆتكەن-كەچكەننى ئويلاپ، ئۇخلىيالمىدى. تاڭ ئېتىپ خورازلار تەرەپ - تەرەپتىن چىللاشقا باشلىغاندا ئايسىخان ئانا ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلا - ئارانلارنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ، ئەتىگەنلىك ناشتىنى تەييارلىغاندىن كېيىن بالىلارنى ئويغاتتى. كىچىكلىرى مەكتەپكە ئالدىرىشىپ، تېزلا ئورۇنلىردىن تۇرۇشتى، ئاينۇر ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇكلىرىدىن كېيىن ئىشتىھاسىز ھالدا ناشتا قىلدى ھەم ئايسىخان ئانىنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن تېزلا جابدۇنۇپ، تويلۇق ئېلىش ئۈچۈن ئانىسى بىلەن ناھيەگە بارىدىغان بېكەتكە قاراپ يول ئالدى.
ئۇلار بېكەتكە كەلگەندە ئارزۇگۈل ئىنىسى ئىليار بىلەن ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى، ئاپتوبۇسقا ئادەم توشمىغاچقا يەنە بىرئاز ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. ئۇلار قىزغىن سالام سائەت قىلىشقانىچە ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئورۇن ئالدى.
ئىليار ئاچىسى بىلەن ئىككى كىشىلىك بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئايسىخان ئانا بىلەن ئاينۇرمۇ ئۇلاردىن بىر قانچە ئورۇن ئالدىدىكى ئىككى كىشىلىك ئورۇنغا جايلىشىۋالدى ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا يەنە بىر قانچە ئادەم ئاپتوبۇسقا چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساتتار ئاكا بىلەن ئاينۇرنىڭ تۇنجى سۆيگىنى ئىليارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئىليار بىلەن ئاينۇرنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ، ئاينۇرنىڭ قەلبى ئۆچكەن ئوتنى بىرى كېلىپ چۇقىلىغاندەك ئالىقاچان ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە تېگىشلىك بولغان سۆيگۈ ئەسلىمىلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە رېتىمسىز داۋالغۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۆرۈلۈپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرىۋالغان بولسىمۇ خىيال ئالىمىدە ئېلىيارنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قارىغاندىكى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن بولغان كۆز ئىپادىسى نامايەن ئىدى.
ئايسىخان ئانىمۇ:
- ھەي... كۆرۈڭ بۇ كارامەتنى، يەنە نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر، ئەمدى؟ ئەجەب توغرا كېلىپ قالدى يا بۇ ئىش، توي بۇزۇلۇپ كېتەمۇ؟-دەپ ئايىقى چىقماس غەم بىلەن ئولتۇراتتى.
ئىليارنىڭ ئاچىسى ئارزۇگۈل بۇ ئىككىسىنىڭ خېلى ئۇزۇن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ھەم ئېليارنىمۇكۆرگەن بولغاچقا، ئىليار ئاپتوبۇسقا چىققاندا :
- بۇ قارىلاق نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ بۇ يەردە، ئىشلار بۇزۇلۇپ كەتمەس-ھە-دەپ غۇدىرىغىنىچە، ئىچى ئاچچىقتىن ئۆرتىنىپ، ئۆڭسېلى يوق ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ قەلبى ئالىقانداقتۇر گۇمان ئىچىدە تىپىرلاپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئىنىسى ئىليارغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاپتوبۇسقا ئادەم توشۇپ قوزغالدى، ئۇلار ھەممىنى ئىچىدە بىلىشىپ، ناھىيىگىمۇ يېتىپ كېلىشتى.
تويلۇقچىلار ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، ئۆز يولىغا راۋان بولۇشتى، ساتتار ئاكا بىلەن ئىليار ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىليار ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىردەم قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، ئىچىنى بىر قۇرت غاجىلاۋاتقاندەك ئەلەم بىلەن ئېغىز ئاچتى:
- ماڭايلى ئاكا، ھەممە ئىشنى ئۆزۈم بۇزغان، ئۆزۈم تۈزەيمەن دەپتىكەنمەن. بۇ ئىشلارغا ئەمدى ئامال يوق ئوخشايدۇ.
ساتتار ئاكا ئۇنىڭ زىمىستان قىشتا ئۈششۈك تەككەن دەرەختەك سالپىيىپ تۇرغان قىياپىتىگە قاراپ قويۇپ، ئارتۇقچە بىرنەرسە دېمەي، ئۇنىڭ دولىسىغا يەڭگىل شاپىلاقلاپ قويۇپ:
-يۈر كەتتۇق، -دېدى. ساتتار ئاكىنىڭ بۇ گېپى ئېلىيار ئۈچۈن تەسەللىگىمۇ، مەدەتكىمۇ ئوخشايتى. ئۇلار ناھىيىگە كىرىپ بىر ئاشخانىدا ناشتا قىلغاندىن كېيىن ھەر ئىككسى ئۆيلىرىگە قايتشتى.
ئەمدى گەپنى ئاينۇردىن ئاڭلايلى. ئايسىخان ئانا، ئاينۇر، ئىليار، ئارزۇگۈللەر ناھىيىگە كىرىپ، سىرتتىكى تېلفۇن بوتكىسىدىن ئېلىيارنىڭ چوڭ ئاچىسى ئايشەمگۈلگە تېلېفون قىلىپ، چاقىرىپ چىقتى. ئۇلار بىللە بازار ئايلىنىپ، ئالتۇن زەنجىر-ھالقىلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كىيىم - كېچەك بازىرىغا كەلدى. ئاينۇر زامانغا لايىق، كىيىملەرنى ئۆزى تىكىپ كىيەلىگەچكە، كىيىملەرنى بەكرەك تاللاشقا باشلىدى. بىرقانچە دۇكانلارغا كىرگەن بولسمۇ بۇ دۇكانلارنىڭ كىيمى ئاينۇرغا يارىمىدى، بۇنىڭغا ئايشەمگۈلنىڭ ئوغىسى قايناپ غۇدۇراشقا باشلىدى:
- ۋىيەي شۇنچە كىيىملەرنى كۆردۇق، ئەجەپ سىزگە كىيىم يارىماي كەتتا؟ سىزگە ئاتاپ شاڭخەيدىن زاكاز قىلدۇرىدىغان ئوخشايمىز...
ئېلىيارنىڭ چوڭ ئاچىسىنىڭ بوينىنى شاپتۇل قېقىپ، دېگەن سېسىق گەپلىرى ئەسلىدىنلا بۇ تويغا بەك قىزغىن بولۇپ كەتمىگەن ئاينۇرنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا ئۇدۇللا تەگدى بولغاي غۇژژدە ئاچچىقى كەلدى.
- بولدى تويلۇقنى ئالمايمەن، باشقا كۈنى ئالايلى، -دېدى ئاينۇر قېيداپ.
ئىليارنىڭ ئاچىسى ئارزۇگۈل سەزگۈر ئايال بولغاچقا، ئىشنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئالدىراپ سۆزگە ئارىلاشتى.
- ھە، ئاينۇر سىڭلىم، ئەمسە بۈگۈن مۇشۇنچىلىك ئالايلى، بازار ئايلىنپ، چارچىدۇق، ئۆيگە قايتپ تاماق ئېتىپ يەيلى، قالغان تويلۇقنى ئەتە ئالايلى. تويلۇق پەردىنى سىز ئالماڭ، ئۆيدە يېڭىلا ئالغان تېخى ئاسمىغان بىر پەردە بار ئىدى، شۇنى ئېلىپ، سىلەر ئولتۇرىدىغان ئۆيگە ئېسىۋېتىپ كېلىڭلار.
ئايسىخان ئانا ئارزۇگۈلنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سەمىمىي قىياپىتىگە ۋە سۆزىدىكى ئەستايىدىللىققا قاراپ:«شۇنداق قىلىڭلار قىزىم »دېگىنىچە ئۇلارنى ئالدىرىتىشقا باشلىدى.
- كەچ بولۇپ كەتتى ئانا، ئۇ ئىشلار تۈگىگىچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدۇ، -دېدى ئاينۇر ئانسىغا سەل نارازى بولغاندەك.
- ياقەي كۈن تېخى بالدۇر تۇرسا، -دېدى ئارزۇگۈل ئاينۇرنى زورلىغاندەك. ئاينۇر بىلەن ئىليار تۈزۈكرەك پاراڭلىشىپمۇ باقمىغان ئىدى، ئارزۇگۈلنىڭ مەقسىتىمۇ بۇلارنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئىككىسىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئىدى. ئىليار ئاچىدىغان ئاشخانا ناھيەگە يېقىنلا بىر يېزىدا بولۇپ، يېقىنلا يەردىن ئۆينىمۇ ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ئىدى. ئارزۇگۈلنىڭ قىستىشى بىلەن ئاينۇر رەت قىلالماي پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن ئىليارنىڭ موتسىكلىتىغا مىنگىشىپ، ئىليار ئولتۇرىۋاتقان ئۆيگە كەلدى. ئىليار ئېغىر بېسىق بالا ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ بۈگۈن خېلى ئېچىلىپ قالغان، ئاينۇرنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپلا، يۈرۈپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتى. ئۇلار ئىككىسى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ھەپىلىشىپ، پەردىلەرنى ئېسىپ، ئۆيلەرنى بىرەر قۇر تازىلاپ چىقتى. ئىليارنىڭ ئاشخانىسىنى شاگىرتلار ئېچىپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، تازا خاتىرجەم بولالماي ئاينۇرغا :
- ئىشلارمۇ بىرەر قۇر تۈگەپ قالدى. مەن دۇكانغا بىر كىرىپ چىقاي، سىز ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ زېرىكىپ قالماڭ، بىردەم بازار ئايلىنىپ، دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلىڭ، ئاندىن قايتىپ كېتەيلى دېدى.
ئاينۇر ماقۇل بولۇپ بازارغا ماڭدى، ئىليار ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. بۇ بىردەملىك ئايرىلىشنىڭ ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئايرىلىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېچقايسىسى ئويلىمغان ئىدى. ئاينۇر ئايلىنىپ مېۋە - چېۋە بازىرىغا كەلدى، ئوخشىغان نەشپۈتلەرنى كۆرۈپ ئازراق ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ نەشپۈتچىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرى چىقىدۇ👇