بۇ قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق تەشكىلات بىتچىت قىلىندى

时事   2025-01-09 15:01   北京  

بۇ قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق تەشكىلات بىتچىت قىلىندى!

خۇبېي گۇڭئەن ئورگىنى خۇاڭ دافانىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق تەشكىلاتىنى بىتچىت قىلدى

خۇبېي گۇڭئەن ئورگىنى 2024-يىلى بىتچىت قىلغان خۇاڭ دافانىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق تەشكىلاتى قارا، رەزىل كۈچلەرنى تۈگىتىش دائىملىق كۈرىشىدىن بۇيانقى خۇبېي بىتچىت قىلغان ئەڭ چوڭ، تەسىرى ئەڭ زور بولغان قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق تەشكىلات. بۇنى مۇخبىر خۇبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزگەن خۇبېي گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ «خەلققە دوكلات بېرىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.

2024- يىلىدىن بۇيان، خۇبېي گۇڭئەن ئورگانلىرى قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنى دائىملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، «توردىن چۈشۈپ قالغان بېلىق»لارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇپ، خۇاڭ دافانى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 103 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ كېلىپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق ئون تەشكىلات، 81 رەزىل كۈچ جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى. پۈتۈن ئۆلكىدە ھازىر يۈز بەرگەن قاتىللىق دېلولىرىنىڭ ھەممىسى پاش قىلىنىش ئاساسىدا، بېسىلىپ قالغان قاتىللىق دېلوسىدىن 87 سى پاش قىلىندى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، خۇبېينىڭ 2024-يىلى ئۆلكە بويىچە تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسى يۈزبېرىش سانى، زىيان سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 21.56،28.52 تۆۋەنلىگەن، ئەنئەنىۋى «ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق» دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن44.44 تۆۋەنلىگەن، ھازىرقى دېلولارنىڭ پاش قىلىنىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 25.74 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. پۈتۈن ئۆلكە بويىچە جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن30.4 تۆۋەنلەپ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تۆۋەنلەش نىسبىتى يارىتىلغان.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى

ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

جۇڭگولۇق ئارتىس تايلاند-بىرما چېگراسىدا يوقاپ كەتتى

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章