ئامېرىكا تەرەپ تېڭشۈننى بۇ تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

时事   2025-01-09 12:04   北京  

ئامېرىكا تېڭشۈن، نىڭدې شىدەي شىركىتىنى «جۇڭگونىڭ ئارمىيەگە چېتىشلىق كارخانىلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۈن 1-ئاينىڭ 7-كۈنى دائىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: ئامېرىكا تېڭشۈن، نىڭدې شىدەي يېڭى ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى «جۇڭگونىڭ ئارمىيەگە چېتىشلىق كارخانىلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

گو جياكۈن: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىشىگە، تۈرلۈك نامدىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك تىزىملىكنى تەسىس قىلىشىغا ئىزچىل قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى يولسىزلارچە بېسىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى توستى. جۇڭگو خەلقىنى تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قاراشقا بولمايدۇ. بىز ئامېرىكا تەرەپنى خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا قارىتىلغان قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازالاش ۋە «ئۇزۇن قوللۇق باشقۇرۇش»نى دەرھال بىكار قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى

ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

جۇڭگولۇق ئارتىس تايلاند-بىرما چېگراسىدا يوقاپ كەتتى

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章