ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

时事   2025-01-04 14:01   北京  

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى!

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ لى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى «نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق پايدىسىز تەرەپلەرنى قويۇپ بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە سۇغۇرتا شىركەتلىرى ئاشكارا توپلانغان فوندنى كۆپ سوممىلىق قايتۇرۇۋالىدۇ» دېگەن بازاردا تارقالغان گەپلەرگە جاۋاب قايتۇرغاندا مۇنداق دېدى: بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى پىتنە-ئىغۋا.

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئالاقىدار ساختا ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ، ئۇچۇر مەنبەسىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە پاي چېكى بازىرىدا پىتنە-ئىغۋا توقۇش، تارقىتىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئۇچۇر تارقىلىش مۇھىتىنى سىجىل ساپلاشتۇرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش رەسمىي باشلاندى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ

مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان پاش قىلىڭ

جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章