جۇڭگولۇق ئارتىس تايلاند-بىرما چېگراسىدا يوقاپ كەتتى

时事   2025-01-07 18:31   北京  

دۆلىتىمىزنىڭ چىڭمەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى جۇڭگولۇق بىر ئەر ئارتىسنىڭ تايلاند-بىرما چېگراسىدا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دېلونىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بەزى تورداشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگولۇق بىر ئەر ئارتىسنىڭ تايلاند-بىرما چېگراسىدا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېيتقانلىقى توغرىسىدا، باش ئىستانسا مۇخبىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگونىڭ تايلاند چىڭمەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىدىن ئېرىشكەن ئىنكاستىن بىلىشىچە: باش كونسۇلخانا 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇلار ئالاقىدار كىشىنىڭ مېيسودا يوقاپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا باش كونسۇلخانىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. باش كونسۇلخانا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ ئىش ھەققىدە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇردى.

باش كونسۇلخانا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە دېلونىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سىجىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章