ئىككى تارماق: ئاۋۋال باھانى ئۆستۈرۈپ ئاندىن ئېتىبار قىلىش قىلمىشىغا قارىتا دۆلەتنىڭ ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 8-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى «2025-يىلى دائىرىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان، بۇنىڭدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ھەرقايسى رايونلار ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىدا ئاشكارا ۋەدە بېرىشنى يولغا قويۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. باھا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق، «ئاۋۋال باھانى ئۆستۈرۈپ، ئاندىن ئېتىبار قىلىش» قاتارلىق باھاغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بارلىقى بايقالسا، ئۇلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش سالاھىيىتى بىرىنچى ۋاقىتتا ئېلىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ ياردەم تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، جىنايەتكە چېتىلغانلىرى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئامېرىكا تەرەپ تېڭشۈننى بۇ تىزىملىكىگە كىرگۈزدى
بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
قارا قۇتا سانلىق مەلۇمات قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى
ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد
ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن
يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى