جۇڭگونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەندىمۇ؟ جۇڭگو تەرەپ ئىنكاس قايتۇردى
1-ئاينىڭ 3-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق سوئال سورىدى: خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى سەۋەبىدىن، جۇڭگونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، جۇڭگو تەرەپ بۇ مۇمكىنچىلىكى بولغان چەكلىمىگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ-يوق؟
ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئامېرىكا تەرەپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، نورمال ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىپ ۋە ئۇنى چەكلەپ، دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنات زەنجىرىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى. بىز بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن