دورا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودى قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ

时事   2025-01-04 10:01   北京  

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى دورا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودىنى قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ھۆججەت تارقىتىپ، 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «كود»تا قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دورا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودى سانلىق مەلۇماتىنىڭ قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك چوڭ سانلىق مەلۇمات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرىنى تىل بىرىكتۈرۈپ ئالماشتۇرۇپ سېتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتا كارتىسىنى قۇرۇق سۈركەش، ھېسابات ئۇچۇرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، ساختا رېتسېپ ياساش قاتارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش قىلمىشلىرىغا قارىتا دەل جايىدا زەربە بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

دورا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودى دورىنىڭ بىردىنبىر «ئېلېكتىرونلۇق كىملىكى». 2024 ـ يىل 4 ـ ئايدا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا دورا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودىنى يىغىپ قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ھەم 2024 ـ يىل 11 ـ ئاينىڭ بېشىدا، مەلۇم دورا مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش كودىنىڭ تەكرار ئاتچوت قىلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا 46 بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتىدىن ئاشكارا سۈرۈشتۈرۈپ، سۈرۈشتۈرۈش كودىنى قوللىنىپ داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان.

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ھەرقايسى بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولماسلىقىنى، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەشغۇلاتنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى تۈزىتىشىنى، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بولسا، شۇ جايدىكى داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشىنى ھەمدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا چېتىلىدىغان فوندنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى؛ ئۆزىنى باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قۇرۇق سۈركىمەسلىك، تىل بىرىكتۈرۈۋالماسلىق، سېتىۋالماسلىق (قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كەلگەن دورىلارنى)، ساتماسلىق (قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كەلگەن دورىلارنى)» تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش پۇلى»، «جان قۇتقۇزۇش پۇلى»نى ئورتاق ياخشى قوغداش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش رەسمىي باشلاندى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ

مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان پاش قىلىڭ

جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章