شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

时事   2025-01-04 14:01   北京  

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ؟ قانداق قاتنىشىدۇ؟ بۇ يەرگە قاراڭ

بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئۈندىدار سالون خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى (كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا ياكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسى شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا قاتناشسا بولىدىكەن.

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا قاتنىشىش ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئىككى قەدەمگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى قەدەمدە، شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئىسچوتى ئېچىش كېرەك. دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى، مەملىكەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سۇپىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى، ئالىقان 12333 ۋە سودا بانكىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىدا قۇرۇشقا بولىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سودا بانكىسىدا شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەبلەغ ئىسچوتى ئېچىش ياكى بەلگىلەنگەن ھېسابات نومۇرى ئېچىش كېرەك. سودا بانكىسىدا يۇقىرىقى ئىككى قەدەم بويىچە بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىپ، بۇ ئىككى ھېساباتنى بىر قېتىمدىلا ئاچسىمۇ بولىدۇ. شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئىسچوتى ئۇچۇر خاتىرىلەش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەبلىغى ئىسچوتى ھەق تاپشۇرۇش، مەھسۇلات سېتىۋېلىش، جۇغلاپ پايدا ئېلىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى كۆپ مەنبەلىك ھەق تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللايدۇ، قاتناشقۇچىلار نەق پۇل، يان تېلېفون بانكىسى ياكى شەخسلەر تور بانكا ئىسچوتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەبلەغ ئىسچوتىغا ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ. نۆۋەتتە ھەر يىللىق ھەق تاپشۇرۇشنىڭ يۇقىرى چېكى 12 مىڭ يۈەن بولۇپ، چەكلىك سوممىدىن ئېشىپ كەتسە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. قاتناشقۇچىلار پۈتۈن جەريانغا قاتنىشىش ياكى قىسمەن يىل بويىچە قاتنىشىشنى، شۇنداقلا يىل ئىچىدە قانچىلىك تاپشۇرۇش، بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇش ياكى قېتىمغا بۆلۈپ تاپشۇرۇشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ، ئىنتايىن جانلىق.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش رەسمىي باشلاندى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ

مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان پاش قىلىڭ

جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章