يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى

时事   2025-01-08 09:02   北京  

يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى

2024-يىل 7ـ ئايدىن بۇيان، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خەينەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۇيجوۋ، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق 29 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پۈتۈن ئۆلكىنى قاپلىغان بېكىتىلگەن دورىخانىلارنىڭ باھا سېلىشتۇرۇش ئەپچىقىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويدى.

ئامما شۇ جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭAPP سى، ئۈندىدار ئەپچىقى، ئۈندىدار سالونى، جىفۇباۋ ئەپچىقى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق دورا سېلىشتۇرما باھاسىغا ئېرىشىپ، دورا باھاسىنى يان تېلېفوندا بىر كۇنۇپكا بىلەن سۈرۈشتۈرۈش، ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇش ۋە ئورۇن بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن ئۆلكىلەردىكى بېكىتىلگەن دورىخانىلارنىڭ باھا سېلىشتۇرۇش ئەپچىقى يەنە ئامباردا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىش، بىنورمال باھانى ئەسكەرتىش، باھا يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章