ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىشقا بولامدۇ

时事   2025-01-07 21:31   北京  

ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىشقا بولامدۇ؟بۇ شەرتلەرنى قاندۇرسىلا بولىدۇ

بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۈندىدار سالونىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىقتىدارىنى تولۇقلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قاتناشقۇچىلار ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش يېشىغا يەتكەندە، ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقاندا، چەت ئەلگە (چېگرا سىرتىغا) چىقىپ ئولتۇراقلاشقاندا شەخسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى شەخسلەر تاپشۇرىدىغان، يېپىق ھالەتتە يۈرگۈزۈش مۇددىتى بىرقەدەر ئۇزاق بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، ئالاھىدە ئەھۋالدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2024-يىل 12-ئايدا يەنە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىشتا بەلگىلىك شەرتكە يەتكەن، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقان بولۇشتەك ئۈچ خىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىش ئەھۋالى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، قاتناشقۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەخسىي كۈتۈنۈش پۇلى مەبلىغى ھېساباتىدىكى مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشقا بولىدۇ.

قاتناشقۇچىلار ئېلىش شەرتىگە يەتكەندىن كېيىن، ئېھتىياجغا ئاساسەن مۇناسىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەھسۇلاتلىرىنى ھەق تۆلەپ قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش توردىكى مۇلازىمەت كىرىش ئېغىزى ۋە شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەبلىغى ئىسچوتىدىن ھېساب ئاچقان بانكا ئارقىلىق ئېلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، ھېسابات ئاچقان بانكا شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى شۇ كىشىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ بانكا ھېساباتىغا تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ، ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل ئېلىش يوللىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章