دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ
1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: 2025-يىلى، «ئىككى يېڭى» سىياسەتنى كۈچەپ كېڭەيتىپ يولغا قويۇپ، «ئىككى مۇھىم» تۈرنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قوللايمىز. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: 2025-يىلى، «ئىككى مۇھىم» تۈرنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قوللايمىز –-
سۇچىلىقنى قوللاش دائىرىسىنى مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپىتىكى سۇ باشلاش-يۆتكەش قۇرۇلۇشلىرىغىچە كېڭەيتىمىز؛
نۇقتىلىق مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدىكى شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز؛
پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز؛
بۇلتۇر بۇ يىللىق تەخمىنەن 100 مىليارد يۈەنلىك تۈر تىزىملىكىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرگەن ئاساستا، يېقىندا يەنە بىر تۈركۈم تۈر تىزىملىكى چۈشۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنىڭ تېزدىن شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، «ئىككى يېڭى» سىياسەتنى كۈچەپ كېڭەيتىپ يولغا قويىمىز.
بىرىنچىدىن، دائىرىنى كېڭەيتىمىز. ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى قوللاش دائىرىسىنى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيتىمىز. يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىسىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇپ، شەخسىي ئىستېمالچىلارنىڭ يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىمىز.
ئىككىنچى، ئۆلچەمنى ئۆستۈرىمىز. يېڭى ئېنېرگىيەلىك شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى ۋە ئېنېرگىيە باتارېيەسىنى يېڭىلاش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز. ئائىلە بېزەكچىلىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن