مۇشۇ ئاي ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ! تايلاند تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش توغرىسىدا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈردى
تايلاند «مىللەت گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند رەقەملىك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مىنىستىرلىقى كۈنسېرى ئەدەپ كېتىۋاتقان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ خېرىدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقىدار جاۋابكار تەرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا زىيان تۆلىمى بېرىش توغرىسىدا بىر تۈرلۈك جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە رەقەملىك ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى باسې 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق بىلدۈرگەن: بۇ جىددىي بۇيرۇق مۇشۇ ئاي ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇ بىر جىددىي ئىش بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.»
باسې مۇنداق قارايدۇ: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئابۇنىچىلارغا ھېسابات ئېچىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ئالدامچىلىق شايكىسى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
باسې تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: كۆچمە خەۋەرلىشىش سودىگەرلىرى ئىشلەتكۈچىلەر قوبۇل قىلغان قىسقا ئۇچۇرلارنى تاللاپ، ئالدامچىلىق ئۇلىنىشى بولۇشى مۇمكىن بولغان قىسقا ئۇچۇرلارنى سۈزۈۋېتىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ۋاڭ شىڭ ئادەم توشۇپ-سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەن
جاڭ شيۇلۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
قانۇنغا خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ
قارا قۇتا سانلىق مەلۇمات قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى
ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد
ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى