خەيرلىك كەچ: بەك كۆپ ئويلىماڭ، قىلىپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ

时事   2025-01-06 23:30   北京  


别想太多,做了再说

بەك كۆپ ئويلىماڭ، قىلىپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ


ღ ღ ღ


杨绛先生曾在给一位年轻读者的回信中,针对他的困惑指出症结和原因:你最大的问题在于读书不多而想得太多。


ياڭ جياڭ ئەپەندى ئىلگىرى بىر ياش ئوقۇرمەنگە يازغان خېتىدە، ئۇنىڭدىكى گاڭگىراشنىڭ تۈگۈنى ۋە سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى: سىزدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە كىتابنى كۆپ ئوقۇماسلىق، بەك كۆپ ئويلاشتۇر.

想太多似乎是当代年轻人的一个通病,因为想太多,迟迟不行动,结果往往导致拖延症,焦虑症,最后在抱怨和逃避中,度过碌碌无为的一天。


كۆپ ئويلاش زامانىمىز ياشلىرىدىكى ئورتاق كېسەل بولۇشى مۇمكىن. كۆپ خىيال قىلىش سەۋەبلىك ئۇزاققىچە ھەرىكەتكە كەلمىگەندە سۆرەلمىلىك كېسىلى، تەشۋىشلىنىش كېسىلى پەيدا قىلىدۇ، ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈن بىر كۈن ئاغرىنىش ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىچىدە ئۆتىدۇ.

然后给自己找理由,找借口:“我没做是因为这件事太难了;我没做是因为很多人已经在做了;我以前也想过要做的,但是……”


ئارقىدىن، ئۆزىگە باھانە-سەۋەب ئىزدەيدۇ: «بۇ ئىش بەك قىيىن بولغانلىقتىن قىلمىدىم؛ نۇرغۇن ئادەم قىلىپ بولغانلىقتىن قىلمىدىم؛ ئىلگىرىمۇ قىلىشنى ئويلىغانىدىم، بىراق، ...»

太多太多的“因为”和“但是”阻止了你想做的事,也阻止了你去成为你想成为的那种人。


بەك كۆپ، بەك كۆپ «چۈنكى» بىلەن «بىراق»لار سىزنى كۆڭلىڭىز خالىغان ئىشنى قىلىش، ئۆز ئارزۇيىڭىزدىكىدەك ئادەم بولۇشتىن توسۇپ قويىدۇ. 

美国的西点军校有这样一个传统:当遇到军官问话时,士兵只有以下四种回答,除此以外什么都不可以说。


ئامېرىكىدىكى ۋەست پوينت ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇنداق ئەنئەنىسى بار: ئوفىتسېر گەپ سورىغاندا، ئەسكەرلەر پەقەت تۆۋەندىكىدەك تۆت خىللا جاۋاب بېرەلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە دېيىشىگە بولمايدۇ.

第一:报告军官,是。


بىرىنچى، دوكلات ئوفىتسېر، شۇنداق.

第二:报告军官,不是。


ئىككىنچى، دوكلات ئوفىتسېر، ئۇنداق ئەمەس.

第三:报告军官,不知道。


ئۈچىنچى، دوكلات ئوفىتسېر، بىلمەيمەن.

第四:报告军官,没有借口。


تۆتىنچى، دوكلات ئوفىتسېر، باھانەم يوق.


作为美国顶级的军校,西点军校自建校200多年以来,已经培育出了3个总统,5个五星上将,3700多个将军等军事人才。


ۋەست پوينت ھەربىي مەكتىپى ئامېرىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەربىي مەكتەپ بولۇپ، قۇرۇلغان 200 نەچچە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۈچ زۇڭتۇڭ، بەش نەپەر بەشيۇلتۇزلۇق گېنېرال-پولكوۋنىك، 3700دىن كۆپرەك گېنېرال قاتارلىق ھەربىي ئىشلار ئىختىساس ئىگىسى تەربىيەلەندى.

而更让人惊叹的是,西点军校的教育不仅仅只是军事人才的培养,从西点军校走出去的商业人才也比比皆是,如可口可乐公司总裁罗伯特·伍德鲁夫,宝洁CEO鲍勃·麦克唐纳,美国东方航空总裁法兰克·波曼等等。


كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ۋەست پوينت ھەربىي مەكتىپىنىڭ تەربىيەسىدە ھەربىي ئىشلار ئىختىساس ئىگىلىرى تەربىيەلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۇ مەكتەپتە يېتىشىپ چىققان سودا ساھەسى ئىختىساسلىقلىرىمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، كوكاكولا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى روبېرت ۋودروف، پىروكتېر-گەمبېل شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بوب مەكدونالد، ئامېرىكا شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى فىرانك بوۋمەن قاتارلىقلار. 

西点军校贯彻给每一个学生的概念就是:不要找任何借口。


ۋەست پوينت ھەربىي مەكتىپىنىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىغا سىڭدۈرىدىغان ئۇقۇمى: ھېچقانداق باھانە ئىزدىمەسلىكتىن ئىبارەت.

不给自己找借口很难,给自己找借口却很容易。借口已经成了我们为自己只想不做找到的最好“黑锅”。


ئۆزىگە باھانە ئىزدىمەسلىك تولىمۇ قىيىن، بىراق باھانە ئىزدەش بەكلا ئاسان. باھانە بىزنىڭ ئويلاپ قويۇپلا قىلماسلىق ئۈچۈن تاپقان ئەڭ ياخشى ۋاستىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

其实有时候,那些阻碍我们行动的因素和借口,往往都是我们自己想出来的。


ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىمىزگە توسالغۇ بولغان ئامىل ۋە باھانىلەرنى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزىمىز ئويلاپ تاپىمىز.

你本可以毫不犹豫地去做,可你偏偏给了自己很多放弃的理由。


ئەسلىدە سىز قىلچە ئىككىلەنمەيلا قىلسىڭىز بولاتتى. بىراق، قېرىشقاندەك ۋاز كېچىشكە سەۋەب بولىدىغان نۇرغۇن باھانە تاپىسىز.


ღ ღ ღ


我记得小时候看过很多寓言故事,印象最深的是两个年轻人的故事。


ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا نۇرغۇن مەسەل ئوقۇغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئىككى ياشنىڭ ھېكايىسى ئىدى.

两个生活在贫瘠山村的年轻人,不甘心一辈子呆在村里,希望有朝一日,能去大城市过上体面的生活。其中一个整天梦想着发大财,比如,把山货卖成黄金价,去人迹罕至的山洞寻找宝藏,等天上掉下一袋钱把自己砸晕……


تۇپرىقى ئۈنۈمسىز تاغلىق كەنتتە ياشايدىغان ئىككى ياش بىر ئۆمۈر كەنتتە تۇرۇشنى خالىماپتۇ ھەمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ بىرى كۈنبويى باي بولۇشنى خىيال قىلىدىكەن. مەسىلەن، تاغدىن چىققان مەھسۇلاتلارنى قىممەت باھادا سېتىش، ئادەم ناھايىتى ئاز بارىدىغان ئۆڭكۈرلەرگە بېرىپ خەزىنە ئىزدەش، ئاسماندىن بىر خالتا پۇل چۈشۈپ ئۆزىنى بېسىۋېلىشى... دېگەندەك.

虽然他的想法很多不切实际,但他觉得上天一定会垂青于他,于是每天游手好闲。


گەرچە، ئۇنىڭ خىياللىرىنىڭ نۇرغۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ دۇنيانى ھامان ئۆزىگە ئىلتىپات قىلىدىغاندەك ھېس قىلغانلىقتىن، كۈنلىرىنى بىكار تەلەتلىك بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن.

另一个是个木匠,他每天早出晚归,脚踏实地地做着自己的木工活。每次看到辛勤劳作的木匠时,游手好闲的那个年轻人就会讥笑他说:“干木工活什么时候能挣大钱,还不如我把山货卖成金价赚钱快。要么就等企业家来这儿搞投资,把我们山村开发成旅游景点,到时咱们只管坐着收钱就是了。”


يەنە بىرى ياغاچچى بولۇپ، ئۆيىدىن ھەر كۈنى بالدۇر چىقىپ، كەچ قايتىپ، ئۆزىنىڭ ياغاچچىلىقىنى پۇختا قىلىپ ماڭىدىكەن. ھېلىقى بىكار تەلەپ ياش ھەر قېتىم جاپالىق ئىشلەۋاتقان ياغاچچىنى كۆرگەندە، مەسخىرە قىلىپ: «ياغاچچىلىق قىلىپ قاچانلىققا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە تاغدىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنى يۇقىرى باھادا ساتسا تېز پۇل تاپقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ. بۇنىڭغا بولمىسا كارخانىچىلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، تاغلىق كەنتىمىزنى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ ئېچىشىنى ساقلىساق بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ پۇل سانىساقلا بولىدۇ» دەيدىكەن.

木匠不理他,继续闷头干活,他认为做好该做的每一件事,积少成多,他的梦想一定会实现的。


ياغاچچى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىكەن. چۈنكى، ئۇ قىلىشقا تېگىشلىك ھەربىر ئىشنى ياخشى قىلغاندا، ئاز كۆپكە ئايلىنىدۇ، ئارزۇيۇم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ ئويلايدىكەن.

一晃十余年过去了,梦想发大财的年轻人除了每天做做白日梦外,生活几乎没有丝毫的改变。而木匠则不同,这些年,他的木工活已经炉火纯青。


كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشنىڭ تۇرمۇشىدا كۈنبويى ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشتىن باشقا، ئاساسىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەپتۇ. بىراق، ياغاچچىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بۇ يىللاردا ئۇنىڭ ياغاچچىلىق ئىشلىرى تېخىمۇ كامالەتكە يېتىپتۇ.

机会总是垂青于那些有准备的人。


پۇرسەت ھەمىشە تەييارلىقى بارلارغا بېرىلىدۇ.

有一天,路过小山村的城里人发现了木匠的才艺,认为他做出来的家具在城里很有市场,邀请他去城里合伙开店。木匠欣然同意,结果正如那个城里人所料,他们的家具大卖。


بىر كۈنى بۇ كىچىك تاغلىق كەنتتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شەھەرلىكلەر ياغاچچىنىڭ تالانتىنى بايقاپ، ئۇ ياسىغان ئۆي جاھازلىرىنى شەھەردە چوقۇم بازىرى چىقىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدىكەن ھەم ئۇنى شەھەرگە بېرىپ ھەمكارلىشىپ دۇكان ئېچىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ، ياغاچچىمۇ خۇشاللىق بىلەن قوشۇلۇپتۇ. نەتىجىدە، ھېلىقى شەھەرلىكلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇلارنىڭ ئائىلە جابدۇقلىرى بەكلا بازار تېپىپ كېتىپتۇ.

没过几年,木匠就在城里买了房,安了家,还娶了一个漂亮的城里姑娘,过上了舒适而幸福的生活。而梦想发大财的年轻人却还在那个贫困的小山村里做着美梦,生活没有丝毫改变。


ياغاچچى نەچچە يىل ئۆتەر-ئۆتمەي شەھەردىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ، يەنە تېخى شەھەرلىك چىرايلىق قىزدىن بىرىگە ئۆيلىنىپ، راھەت ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. بىراق، باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھېلىقى ياش يەنىلا نامرات تاغلىق كەنتتە گۈزەل خىياللارنى سۈرۈپ يۈرۈۋېرىپتۇ، تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەپتۇ.

其实,很多人不是没有机会改变,而是他们的改变总是停留在想象阶段,没真正去做,去尝试。为什么那个年轻人没有像木匠一样实现去城里的愿望?说到底就是想的太多,做的太少,你不脚踏实地地付出怎么会有收获?


ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئادەمگە پۇرسەت يوق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمىشە تەسەۋۋۇر باسقۇچىدا توختاپ قالغان بولۇپ، قول سېلىپ قىلمايدۇ، سىناپ باقمايدۇ. نېمىشقا ھېلىقى ياش ياغاچچىغا ئوخشاش شەھەرگە بېرىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى؟ تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ كۆپ ئويلىغان، ئاز ئىشلىگەن. پۇختا قەدەم بىلەن مېڭىپ بەدەل تۆلىمىسىڭىز، قانداقمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز؟


ღ ღ ღ


马云曾在演讲中说:


ما يۈن ئىلگىرىكى بىر نۇتقىدا مۇنداق دېگەنىدى:

太多年轻人,“晚上想想千条路,早上起来走原路”。


نۇرغۇن ياشلار «كەچلىرى نۇرغۇن يوللارنى ئويلايدۇ، ئەتىگىنى تۇرغاندا ئەسلىي يولى بويىچە ماڭىدۇ».

大多数人就是这样的状态,思想很丰富,想法也很多,但真正能按照自己想法去实践的却很少。


نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەھۋالى مانا مۇشۇنداق، تەپەككۇرى ناھايىتى مول، خىياللىرىمۇ نۇرغۇن. بىراق، ئىشلارنى ئۆز خىيالى بويىچە ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلار ناھايىتى ئاز.

当今时代,社会发展瞬息万变,光有想法是不够的,行动力和执行力更难能可贵。


بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆزگىرىپ تۇرماقتا. شۇڭا، يالغۇز خىيال سۈرۈپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ھەقىقىي قەدىرلىنىدىغىنى ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىدۇر.

前段时间,电商元老当当网被收购,大润发也被收购,在竞争激烈的资本市场中,你慢一点就会被后来者赶超。企业是如此,人也是如此,行动力是成功者区别于平庸者最大的特点。


ئالدىنقى مەزگىللەردە تور سودىسى ساھەسىدىكى «پېشقەدەم»لەردىن بولغان داڭ داڭ تورى سېتىۋېلىندى، دارۇنفامۇ شۇنداق بولدى. رىقابەت كەسكىن كاپىتال بازىرىدا ئازراقلا ئاستا ماڭسىڭىز، كېيىنكىلەر ئالدىڭىزغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. كارخانىمۇ، ئادەممۇ شۇنداق. ھەرىكەتلىنىش كۈچى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقىدۇر.

顾虑太多,不能及时调整战略,是老牌大企业的毛病;同样,想太多,缺乏行动力,也是大部分平庸者的毛病。


غەم-ئەندىشە بەك كۆپ بولۇش، ئىستىراتېگىيەنى ۋاقتىدا تەڭشىيەلمەسلىك بۇرۇن قۇرۇلغان چوڭ كارخانىلارنىڭ ئورتاق كەمچىلىكى؛ ئوخشاشلا بەك كۆپ ئويلاش، ھەرىكەتلىنىش كۈچى كەمچىل بولۇشمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئورتاق كەمچىلىكىدۇر.

事实上,如果在做一个决定时,考虑到方方面面的情况,反而会让自己陷入困扰的境地,因为从来就没有一个决定,可以兼顾到各方,而且更可怕的是,在考虑的过程中你反而会失去动力,甚至多出了自我说服的理由。


ئەمەلىيەتتە، بىرەر قارار چىقارغاندا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى ئويلىشىش كىشىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى، ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر قاراردا ھەممە ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئويلىشىش جەريانىدا سىز ئەكسىچە ھەرىكەتلىنىش كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىسىز، ھەتتا ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىدىغان باھانىلار كۆپىيىپ قالىدۇ.

其实,不这么做也没关系……


ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق قىلمىسىمۇ ھېچنەرسە بولمايدۇ... 

其实,我觉得现在这样也挺好的……


مېنىڭچە، ھازىرقىدەك بولسىمۇ ناھايىتى ياخشى... 

很多人的决定,全凭内心刚开始的热情与冲动,而一旦这样的感觉消失后,那原本已经抓在手上的机遇,很有可能就此消失。


نۇرغۇن ئادەمنىڭ قارارلىرىنىڭ ھەممىسى تۇيۇقسىز كەلگەن قىزغىنلىق ۋە ھاياجان ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل تۇيغۇ يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، قولىڭىزغا كىرىپ بولغان پۇرسەتتىنمۇ شۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

表哥临毕业时,表姑决定付首付为他置办一个婚房,可周围的亲戚朋友,都以表哥工作未定为由,劝说表姑不要这么冲动买房子。


نەۋرە ئاكام ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، نەۋرە ھاممام دەسلەپ تۆلىنىدىغان پۇلىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا تويلۇق ئۆي ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. بىراق، ئەتراپتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر نەۋرە ئاكامنىڭ خىزمىتى مۇقىملاشمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، نەۋرە ھاممامنى بۇنداق ھاياجان بىلەن ئۆي سېتىۋالماسلىققا نەسىھەت قىلدى.

“这可是大事儿啊!万一买的房子离工作地远,那不是亏了?”


«بۇ دېگەن چوڭ ئىش! سېتىۋالغان ئۆي خىزمەت ئورنىدىن يىراق بولۇپ قالسا، زىيان تارتقانلىق بولمامدۇ؟»

就是在这样的劝说中,原本就有些动摇的表姑,最终打消了买房的念头。最后的结果就是表哥的工作定了,而三个月的房价疯涨,已经让表姑拿不出首付钱。更可惜的是,表哥的工作地与当初看中的楼盘之间,只不过是6个公交站台的距离。


مانا مۇشۇنداق نەسىھەتلەر سەۋەبلىك ئەسلىدە ئازراق تەۋرىنىپ قالغان نەۋرە ھاممام ئاخىرىدا ئۆي ئېلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچتى. كېيىن نەۋرە ئاكامنىڭ خىزمىتى مۇقىملاشتى، بىراق ئۈچ ئاي ئىچىدىلا ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، نەۋرە ئاچامنى دەسلەپ تۆلىنىدىغان پۇلنى تاپشۇرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نەۋرە ئاكامنىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن ئەينى چاغدا كۆرۈپ قويغان بىنانىڭ ئارىلىقى ئالتە بېكەتلا كېلەتتى.

就是在这样的劝说中,原本就有些动摇的表姑,最终打消了买房的念头。最后的结果就是表哥的工作定了,而三个月的房价疯涨,已经让表姑拿不出首付钱。更可惜的是,表哥的工作地与当初看中的楼盘之间,只不过是6个公交站台的距离。


ئەتراپىمىزدا نەۋرە ئاچامغا ئوخشاشلار، چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئۆي سېتىۋېلىپ ئۆي باھاسى ئۆرلىگەنلىكى سەۋەبلىك پايدا ئالىدىغانلارمۇ نۇرغۇن. بىر خىيالنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى بىر نەچچە خىيالنىڭ دوقۇرۇشۇپ كېلىشى سەۋەبلىك، ئەسلىدە سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئۆيلەرگە يېقىنمۇ كەلگىلى بولماي قالىدۇ.


ღ ღ ღ


古人常说三思而后行,是让我们多想一想再去做,但是这里的“想”,并不是说要让我们瞎想。想和思考还是有区别的,爱思考是有目的性的思考,朝着你想的方向去思考东西。而想太多是你天马行空,没有目的,胡思乱想。


كونىلارنىڭ دائىم «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېيىشى بىزنى كۆپرەك ئويلىنىپ، ئاندىن بىر ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بىراق، بۇ يەردىكى «ئويلىنىش» بىزنى قارىغۇلاچە ئويلان دېگەنلىك ئەمەس. ئويلاش بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش ھامان پەرقلىق بولىدۇ. پىكىر يۈرگۈزۈشنى ياخشى كۆرۈش، مەقسەتلىك پىكىر يۈرگۈزۈش نەرسىلەرگە قارىتا ئۆزىڭىز ئويلىغان يۆنىلىش بويىچە پىكىر يۈرگۈزۈشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، كۆپ خىيال قىلىش، ئەركىن خىيال قىلىش مەقسەتسىز ھالدا يوقىلاڭ خىيال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

在做决定前,特别是那些足够影响人生轨迹的决定前,考虑周全才能做出一个正确的决定,但考虑周全不代表你可以胡思乱想。


قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى، بولۇپمۇ ھايات يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان قارارلارنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئەتراپلىق ئويلانغاندا، ئاندىن توغرا قارار چىقارغىلى بولىدۇ. بىراق، ئەتراپلىق ئويلىنىش سىزنىڭ يوقىلاڭ خىيال سۈرۈشىڭىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

思考的目的是为了让自己迅速地做出正确的决定,而不是让你在思考的过程中变成一个拖延症和妄想狂。


پىكىر يۈرگۈزۈش سىزنى بۇ جەرياندا سۆرەلمىلىك كېسىلى بىمارى ۋە قۇرۇق خىيال مەستانىسىغا ئايلاندۇرۇش بولماستىن، بەلكى تېز سۈرئەتتە توغرا قارار چىقارغۇزۇشتۇر.

《孤独星球》的作者曾说过这样一句话:“当你决定旅行的时候,最难的一步已经迈出来了;如果你迈出这一步,你永远都不知道自己的梦想,是多么容易实现。”


«يالغۇز پىلانېتا»نىڭ ئاپتورى ئىلگىرى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغانىدى: «سىز ساياھەت قىلىشنى پىلانلىغان چېغىڭىزدا، ئەڭ قىيىن بىر قەدەمنى ئېلىپ بولغان بولىسىز؛ ناۋادا، مۇشۇ بىر قەدەمنى ئالالمىسىڭىز، غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بۇنچە ئاسانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز».

所以,别被胡思乱想阻碍了你的行动,行动起来,不一定会有收获,但不行动,肯定没有收获。


شۇڭا، يوقىلاڭ خىيال قىلىش ھەرىكەتلىنىشىڭىزگە توسالغۇ بولۇپ قالمىسۇن. ھەرىكەتكە كەلسىڭىز نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن. بىراق، ھەرىكەتكە كەلمىسىڭىز نەتىجىسى بولماسلىقى ئېنىق.

种一棵树,最好的时机是十年前,其次是现在。


كۆچەت تىكىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى 10 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىت، ئۇنىڭدىن قالسا ھازىر.

别想那么多,做了再说,好吗?


بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ، قىلىپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ، بولامدۇ؟

人生就像个牌局,不管手里的牌怎么样,都要开始打。行动快的人一路都在打牌,想太多的人只会一路看牌。


ھايات قارت ئويناشقا ئوخشايدۇ، قولىمىزدىكى قارت قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان چۈشۈشىمىز كېرەك. تېز ھەرىكەتكە كېلىدىغانلار قارت ئويناپلا ماڭىدۇ، كۆپ ئويلايدىغانلار قارت ئويناشنى كۆرۈش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ.

能改变你人生的永远是去做,而不是空想,Just do it!


ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغىنى مەڭگۈ قۇرۇق خىيال سۈرۈش بولماستىن، بەلكى قول سېلىپ ئىشلەشتۇر. قېنى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ!


تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز


         كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

         مەنبە: خەلق تورى



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى

 خەيرلىك كەچ: تاماقنى ئوبدان يەيدىغانلار ئاددىي ئادەم ئەمەس




خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
uyghur.people.com.cn

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章