تايلاند ساقچى تەرەپ: جۇڭگولۇق ئەر ئارتىس ۋاڭ شىڭنىڭ ئادەم توشۇپ-سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى
تايلاند دۆلەت ساقچى باش مەھكىمىسىنىڭ نازارەتچى باشلىقى تاچاسەي 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگولۇق ئەر ئارتىس ۋاڭ شىڭنىڭ ئادەم توشۇپ-سېتىشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى، كېيىنكى پىلاندا بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە ئۇنى جۇڭگوغا قايتۇرىمىز.
تاچاسەي تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: ۋاڭ شىڭ ئالدىنىپ چەت ئەلگە چىقىپ ئارتىس تاللاشقا قاتنىشىپ، تايلاند ئارقىلىق قوشنا دۆلەتكە بارغان، لېكىن قوشنا دۆلەتكە بارغاندىن كېيىن ئالدانغانلىقىنى بايقىغان.
تاچاسەي يەنە مۇنداق بىلدۈردى: ئالاقىدار تەرتىپلەرگە ئاساسەن، تايلاندنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋاڭ شىڭنى مۇۋاپىق قوغدايدۇ ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەييارلىنىپ بولغاندا، جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ماسلىشىپ ئۇنى جۇڭگوغا قايتۇرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئامېرىكا تەرەپ تېڭشۈننى بۇ تىزىملىكىگە كىرگۈزدى
بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
قارا قۇتا سانلىق مەلۇمات قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى
ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد
ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن
يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى