ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى ئاشقازان راكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىشتىن ئۈمىد بار يېڭى نىشانلىق دورىنى بايقىدى
ياپونىيە تەتقىقات كوللېكتىپى يېقىندا ئەنگلىيەدىكى ئىلمىي ژۇرنال « راك پەيدا قىلىدىغان گېن»دا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاشقازان راكى توقۇلمىسىدىكى بىر خىل گىستوننىڭ سۈت كىسلاتالىشىش سەۋىيەسىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشى بىمارنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەنگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى بىرقەدەر ناچار بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مۇناسىۋەتلىك فىزىيولوگىيەلىك مېخانىزملارنىڭ ئاشقازان راكىنى داۋالاشتىكى يېڭى نىشان بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.
توكيو ئىلىم-پەن داشۆسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەزكۇر مەكتەپنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋە كەسىپداشلار كىلىنىكىلىق ئاشقازان راكىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئاشقازان راكى توقۇلمىسىدىكى بىر خىل گىستون H 3 K 18 نىڭ سۈت كىسلاتالىشىش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىدى. گىستون ئىرسىيەت ماددىسى خروموسومى ئىچىدە مەۋجۇت بولغان بىر خىل ئاقسىل بولۇپ، ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سۈت كىسلاتاسى گىستوننى بېزەش ئارقىلىق گېننىڭ كۆچۈشى قاتارلىق بىيولوگىيەلىك جەريانلارغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشقازان راكى بىمارلىرىنىڭ تېنىدىكى گىستون H 3 K 18 نىڭ سۈت كىسلاتالىشىش سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى بولسا، پۈتۈن ياشاش مەزگىلى ۋە قايتا قوزغالمايدىغان ياشاش مەزگىلى بىرقەدەر قىسقا بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن يەنە بايقىلىشىچە، بۇ خىل گىستوننىڭ سۈت كىسلاتالىشىش سەۋىيەسى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىگە خاس بولغان گىلىكولىزنىڭ مېتابولىزمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، بۇ يەنە بۇ خىل گىستوننىڭ سۈت كىسلاتالىشىشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ۋە راك كېسىلىنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىستونH 3 K 18 نىڭ سۈت كىسلاتالىشىشىنى نىشان قىلىپ، ئاشقازان راكىنى داۋالاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇنىڭدىن كېيىن كىلىنىكىدا قوللىنىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، داۋالاش تەس بولغان ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن
يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى
بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ