شىنجاڭدا ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بېكىتىلدى

时事   2025-01-06 17:31   北京  

2025-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى!

1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىنى ئېچىش ۋاقتى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـيىغىنىنى 2025 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 29ـ قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىدا، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13ـنۆۋەتلىك كومىتېتى 3ـيىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش تەكلىپى بېرىلدى. يىغىندا يەنە، 2025 ـ يىل 1ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9ـيىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 13ـنۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3ـيىغىنىنى ئېچىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش قارار قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

جاۋ رۇي كەچۈرۈم سورىدى

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章