بۇ پۇلنىڭ ئۆلچىمى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈلدى

时事   2025-01-08 15:00   北京  

شىنجاڭ قىسمەن نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىقلارنىڭ نەپىقە پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردى

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2024-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىقلارنىڭ نەپىقە پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

بۇ قېتىمقى ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشتە ئاپتونوم رايون بويىچە 20 مىڭدىن ئارتۇق نەپىقە ئوبيېكتى قاتارلىقلارغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئۇدا ئالتە يىل ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۇرۇش سەۋەبىدىن مېيىپ بولغان ھەربىيلەرنىڭ مېيىپلىك نەپىقە پۇلى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قەرەللىك نەپىقە پۇلى 6 ئۆستۈرۈلىدۇ؛ خىزمەت ئۈستىدە مېيىپ بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ مېيىپلىك نەپىقە پۇلى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قەرەللىك نەپىقە پۇلى 5 ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يېزىلاردىكى ئارمىيەدىن قايتقان ھەربىيلەرنىڭ قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ھەربىر كىشىگە يىلىغا 1321 يۈەن كۆپەيتىلىدۇ؛ ئۇرۇشقا، سىناققا قاتناشقان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ھەر ئايدا 42 يۈەن، كېسەل سەۋەبىدىن يۇرتىغا قايتقان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ھەر ئايدا 31.5 يۈەن، يېزا ۋە شەھەر-بازارلاردا ئولتۇرۇشلۇق خىزمەت ئورنى يوق، 18 ياشتىن بۇرۇن قەرەللىك نەپىقە پۇلى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمىغان ھەمدە 60 ياشقا توشقان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بېرىلىدىغان قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ھەر ئايدا 41 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ؛ 1954-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ھەربىي سەپكە قاتناشقان، يېشى 60 ياشتىن ئاشقان (60 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دۆلەتنىڭ قەرەللىك نەپىقە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولمىغان يېزا نوپۇستىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ياشانغانلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەر بىر يىلدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ھەربىر كىشىنىڭ يىلىغا 32 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى نەپىقە ئوبيېكتى قاتارلىقلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، توغرا، تولۇق تارقىتىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ترامپنىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى

ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ

يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى

ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

جۇڭگولۇق ئارتىس تايلاند-بىرما چېگراسىدا يوقاپ كەتتى

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章