ئىككى تارماق: مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، سۇ تازىلىغۇچ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، توك قازىنى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى
1-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى 2025-يىلى دائىرىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇستارتقۇ قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق قوللاش، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، سۇ تازىلىغۇچ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، توك قازان قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتىنى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەخسىي ئىستېمالچىلار يۇقىرىقى 12 تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىچىدىكى 2-دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئۆلچىمى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15 ى بويىچە بولىدۇ؛ 1-دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىما ئۆلچىمى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %20 ى بويىچە بولىدۇ. ھەربىر ئىستېمالچىنىڭ ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتىغا بىر مەھسۇلات (ھاۋا تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ دانە بېرىلىدۇ) تولۇقلىما قىلىپ بېرىلسە بولىدۇ، ھەربىر ئىستېمالچىغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 2024-يىلى مەلۇم تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغان شەخسىي ئىستېمالچىلار 2025-يىلى ئوخشاش تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئامېرىكا تەرەپ تېڭشۈننى بۇ تىزىملىكىگە كىرگۈزدى
بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
قارا قۇتا سانلىق مەلۇمات قازاقىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى
ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد
ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن
يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى