تاموژنا باش مەھكىمىسى: 15 تۈرلۈك تەدبىر غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى
تاموژنا باش مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 15 تۈرلۈك تەدبىرنى ئېلان قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى قوللىدى.
يېڭى تەدبىردە مۇنۇلارغا دىققەت قىلىندى:
غەربىي رايوندىكى ئېچىۋېتىلگەن پورت قۇرۇلۇشىدا، ھەقىقەتەن ئېھتىياجى بار ھەم شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلاردىكى پورتلارنى ئېچىۋېتىش ياكى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى قوللاش؛
دەريا-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى، تۆمۈريول-دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى قاتارلىق قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش؛
چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، كۈنمىڭ، شىئەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇشىنى قوللاش؛
غەربىي رايوندا ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا «رايون-پورتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن