شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرادىن چىققاندا قوغداش بويىچە دەلىللەشكە مۇناسىۋەتلىك، بۇ چارىگە ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ
شەخسىي ئۇچۇرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، بىخەتەر چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرادىن چىقىرىش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بويىچە دەلىللەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرادىن چىقىرىش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بويىچە دەلىللەش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تەييارلاپ، ھازىر جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى. ئامما تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ماقالىنى كۆرسە ياكى ئىنكاس پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ:
جۇڭگو تور ئۇچۇرى تورى( www.cac.gov.cn ) غا چىقىپ، باش بەتتىكى «تور ئۇچۇرى مۇھىم خەۋەرلىرى»گە كىرىپ قول يازمىنى كۆرۈڭ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى( www.moj.gov.cn )، جۇڭگو ھۆكۈمەت قانۇنچىلىق ئۇچۇر تورى ( wwW.chinalaw.goV.cn ) غا چىقىپ، باش بەت ئاساسىي تىزىملىكىدىكى «قانۇن چىقىرىش پىكرىنى توپلاش» سەھىپىسىگە كىرىپ پىكىر بېرىڭ. ئېلخەت شەكلى ئارقىلىقsujuju@ cac.gov.cn غا ئەۋەتىڭ.
خەت شەكلى ئارقىلىق پىكىر ئەۋەتىڭ: بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى فۇچېڭ يولى 15-نومۇر دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تور سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، پوچتا نومۇرى 100048، ھەم كونۋېرتقا « شەخسىي ئۇچۇرنى چېگرادىن چىقىرىش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش بويىچە دەلىللەش چارىسىگە پىكىر» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ.
پىكىر ئىنكاس قىلىش ۋاقتى 2025-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاياغلىشىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى
شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن