قانۇنغا خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ

时事   2025-01-09 09:02   北京  

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: قانۇنغا خىلاپ ھالدا باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ياكى باشقا جايدا باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى. «كۆرسەتمە»گە ئاساسەن، ھەرقايسى رايونلارنىڭ مەمۇرىي، جىنايى ئىشلار ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي ماجىرالارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئارىلىشىشىغا، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ مال-مۈلكىنى ھوقۇق دائىرىسىدىن، باشقۇرۇش دائىرىسىدىن، سوممىسىدىن، سۈرۈكتىن ئاشۇرۇپ پېچەتلەشكە، تۇتۇپ قېلىشقا، توڭلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ، باشقا جايدا قانۇن ئىجرا قىلىشنى ياكى باشقا جايدا باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى يولغا قويۇشنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ، پايدا قوغلىشىش خاراكتېرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

يان تېلېفوندا باھا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ! 29 ئۆلكە تورغا چىقاردى

ئاشقازان راكى بىمارلىرىغا يېڭى ئۈمىد

ھەر يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 19 مىڭ200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

جۇڭگولۇق ئارتىس تايلاند-بىرما چېگراسىدا يوقاپ كەتتى

يان تېلېفون، كومپيۇتېر سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ

ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىم قاتنىشالايدۇ

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章