نىڭشيا: يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە ئەسلىي تەۋرەش رايونى ۋە يېقىن ئەتراپتا تۆت بالدىن بەش بالغىچە يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت
مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنى نىڭشيا يەر تەۋرەش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق مۇنداق قارالغان: 1-ئاينىڭ 2-كۈنى نىڭشيا يىنچۈەن شەھىرى يۇڭنىڭ ناھىيەسىدە 4.8 بال يەر تەۋرىگەن ئەسلىي يەر تەۋرەش رايونى ۋە يېقىن ئەتراپتا يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە تۆت بالدىن بەش بالغىچە يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.
1- ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10 دىن 01 مىنۇت ئۆتكەندە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھىرىنىڭ يۇڭنىڭ ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 38.40 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 106.22 گىرادۇس)دە 4.8 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئون كىلومېتىرغا يەتتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان نىڭشيادا يۈزبەرگەن ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن
يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى
ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش رەسمىي باشلاندى
بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ
مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان پاش قىلىڭ
جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى