بالا بېشەم يىغلىغاندا ئەسقاتىدىغان 3تەدبىر

文摘   2024-08-01 14:46   新疆  

 

ئائىلىسىدە پەرزەنتى بار ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلىرى قانائەتلەنمىسىلا قاتتىق يىغلاپ، سىزنى چارچىتىپلا قويامدۇ؟ بەزىدە بالا يىغلىسا، ئائىلە قالايمىقانلىشىپ، بەزلەشمۇ، تىللاشمۇ توغرا بولماي، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئەنسىرىمەڭ، بۈگۈن سىزگە دەرىجىدىن تاشقىرى ئەسقاتىدىغان ئۈچ ئەپچىل چارىنى ھەمبەھرلەپ، بالىلىرىڭىزنىڭ يىغلىشى، جېدەل قىلىشى، قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە ئاسانلا تاقابىل تۇرالايسىز.
 


بىرىنچى تەدبىر: سوغۇق مۇئامىلە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ئەمما ھېسسىياتنى تىنچلاندۇرۇش. بالا قانائەت ھاسىل قىلالماي يىغلىغان چاغدا، ھودۇقمايلى. ئالدى بىلەن بالىنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ، دۈمبىسىنى سىلاپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويۇڭ، ئاندىن بالىغا مۇلايىملىق بىلەن:« ھازىر خاپا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن،  يىغلىغۇڭىز كەلسە يىغلىۋېلىڭ، سىزنى مۇشۇنداق ئىزچىل قۇچاقلاپ تۇرىمەن، سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن»دەڭ. بىز ئىش قىلغاندا سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلساق بولىدۇ، لېكىن ھېسسىيات جەھەتتە چوقۇم يېتەرلىك تەسەللى بېرىپ، بالىغا سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىز ۋە كۆيۈنۈشىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
 


ئىككىنچى چارە: بالىغا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە بولۇشنى بىلگۈزۈش. ئەگەر بالا دائىم يولسىزلىق قىلسا، ئەزەلدىن ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەسلىدە تاللا بازىرى ئايلىنىپ ئويۇنچۇق سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان، لېكىن يېرىم يولدا بالىلار كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا بارمىسا بولمايدۇ. بۇ چاغدا سىز ئۇنىڭغا ئويۇن-تاماشا مەيدانىغا بېرىپ ئوينىغاندىن كېيىن، ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئەمدى ئويۇنچۇق سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بالا يىغلاپ جېدەل قىلسا، سىز ئۇنىڭغا ئېنىق ئېيتىڭ، پۇل كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا خەجلىنىپ بولدى، ئويۇنچۇق سېتىۋالغۇدەك پۇلىڭىز يوق، پەقەت كېلەر ئاينى ساقلىشىڭىز كېرەك.
 


ئۈچىنچى چارە: مۇۋاپىق تاللاش بېرىش بالا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىز ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئويىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بالا بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. ئاندىن بالىڭىزنى سىز بەرگەن تاللاش ئىچىدە قارار چىقارغۇزۇڭ ھەمدە چوقۇم دېگىنىنى قىلىپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغۇزۇڭ.
 


ئاتا-ئانىلار بۇ ئۈچ چارىنى توغرا ئىشلەتسىلا، بالىلىرىغا قانائەت قىلماي قاتتىق يىغلاش ئەھۋالىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىغانلىقىغا، بالىلارنىڭ تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 


مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

XohBalam
قولايلىق بىلىملەر، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار
 最新文章