ئەقىللىق ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش تەربىيىسى

文摘   2024-07-27 15:29   新疆  

 

 بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش مەسىلىسىدىن تەشۋىشلىنىۋاتامسىز ۋە گاڭگىراپ قېلىۋاتامسىز؟ ئۆزىڭىزنى بالا تەربىيەلەشتە شۇنچە كۈچەپمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم  ھاسىل قىلالمىدىڭىزمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بەزى بىر خىل ئاتا-ئانىلار بار كۆرۈنۈشتە «ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەندەك» كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۈچىنى دەل جايىغا ئىشلىتىدۇ. مۇشۇنداق ئاتا-ئانا ئەڭ قالتىس ھېسابلىنىدۇ.
 


ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۈنۈمسىز ئىچكى رىقابەت خاتا قارىشىغا پېتىپ قېلىپ، بالىلىرىنىڭ نەتىجىسى ۋە دەرىجىسىنى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىپ، بالىلارغا غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ قويدى. ئەقىل-پاراسەتلىك ئاتا-ئانىلار «ئۈنۈملۈك مەيلىگە قويۇۋېتىش» نى بىلىدۇ، ئۇلار بالىسىنىڭ ۋاقتىنى ئەزمەستىن، بەلكى بالىسىنىڭ ساراڭلارچە ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. مەسىلەن، خۇاۋېينىڭ «تالانتلىقلار پىلانى» غا تاللانغان نىڭ بويۈ كىچىكىدىنلا ئويۇنغا ھېرىسمەن بولۇپ، ھەر خىل قىزىقىش-ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەستىن، ئەكسىچە ئۇنى يېڭى شەيئىلەرگە نىسبەتەن قىزغىنلىققا ئىگە قىلىپ، ئۆگىنىشكە تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلدۇرغان.
 


بۇ ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇلار بالىنى ئوت ئۆچۈرگۈچىگە ئوخشاش ھەر ۋاقىت باشقۇرۇپ يۈرمەستىن، بەلكى بالىغا يېتەرلىك مۇستەقىل بولۇش ۋە خاتالىقنى سىغدۇرۇش بوشلۇقى بېرىپ، بالىنى خاتالىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
 


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار بالىنىڭ كەمچىلىكى بىلەن بەسلەشمەيدۇ، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاش ۋە چوڭايتىشقا ماھىر. ھەمىشە بالىسىنىڭ كەمچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىش ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ؛ بالىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بارغانسېرى ياخشى قىلالايدۇ.
 


بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ھەمىشە بالىنى تەربىيەلەشنى ئويلىمايدۇ، بەلكى ئامال قىلىپ «بالىنى ئويغىتىش»نى ئويلايدۇ. بالىلارنىڭ سىجىل ئالغا ئىنتىلىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قەلبتىكى قىزغىن مۇھەببەتتۇر، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ قىزىقىشىنىڭ قەيەردىلىكىنى تېپىپ چىقىپ، بالىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشى كېرەك.
 


قىسقىسى، بىز بالىلارغا ھاياتلىق ئىزدەش تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلارنى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۈمىدكە ئىگە قىلىشىمىز، ئەتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قېزىپ، ئۇلارغا ئەركىنلىك، ھۆرمەت ۋە مەدەت بېرىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بالىلار ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيدۇ. بىز بىرلىكتە پاراسەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن بولۇپ، «ئۈنۈملۈك مەيلىگە قويۇۋېتىش»ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇنەۋۋەر بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشايلى .


مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

XohBalam
قولايلىق بىلىملەر، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار
 最新文章