تاماق ئۈستىلى سوت مەھكىمىسى ئەمەس

文摘   2024-07-20 21:36   新疆  

 ھەرقايسى ئاتا-ئانىلار، سىز دائىم تاماق يەۋاتقاندا بالىڭىزغا تەربىيە قىلامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا سىز چوقۇم دىققەت قىلىڭ، چۈنكى بۇ خىل قىلمىش بالىلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن!

  


 كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز دائىم مۇنداق مەنزىرىنى كۆرەلەيمىزبىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرسا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى سوراشقا باشلايدۇ، بالىسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تەنقىد قىلىدۇ ياكى بالىسىغا توختىماي چوڭ داۋلى سۆزلەپ بېرىدۇ. لېكىن، سىز تاماق ئۈستىلىدە بالىنى تەربىيەلەشنىڭ زىيىنىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

  


 ئالدى بىلەن، تاماق يېگەندە بالىغا تەنبىھ بېرىش بالىنىڭ كەيپىياتىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەسلىدە ئازادە، خۇشال تاماق يەيدىغان ۋاقىتلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. بالىلارنىڭ دىققىتى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەنقىدىگە مەركەزلەشسە، قانداقمۇ ياخشى تاماق يېيىشكە رايى بولسۇن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىلاردا تاماق يېيىشنى چەتكە قېقىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇشى، ھەتتا ئىشتىھاسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  


 ئىككىنچىدىن، بالا تەنبىھ بېرىلگەندىن كېيىن، كەيپىياتى ئىنتايىن ناچارلىشىپ، دائىم تاماق يېيىشتىن ئىبارەت بۇ «ئازابلىق»جەرياننى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلايدۇ . بۇنداق بولغاندا، يېمەكلىكنى تولۇق چايناپ ھەزىم قىلغىلى بولماي، بالىنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى، ھەتتا يېمەكلىك قىسىلىپ قېلىش خەۋپى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.

  


 تاماق ئۈستىلىدە بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ زىيىنى شۇنچە كۆپ بولغانىكەن، ئۇنداقتا بىز تاماق ئۈستىلىدە بالىلارغا نېمىلەرنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك؟

  


 بىرىنچى، بالىلارنىڭ قاتنىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بىز بالىلارغا تاماقتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىنكى ئۆي ئىشلىرىغا قاتناشتۇرساق بولىدۇ، مەسىلەن، قاچا-قۇچىلارنى تىزىش، تاماق ئۈستىلىنى يىغىشتۇرۇش قاتارلىقلار، بالىلارغا ئۆزىنىڭمۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، ئائىلىگە تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  


 ئىككىنچى، بالىلاردا ۋاقىت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تاماق يېگەندە، بىز تېلېۋىزور، يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئېتىۋېتىپ، بالىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلارغا مۇۋاپىق غىزالىنىش ۋاقتىنى بەلگىلەپ، ياخشى غىزالىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  


 ئۈچىنچى، بالىلارغا غىزالىنىش قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىش. مەسىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭلارغا ياردەملىشىپ قاچا-قۇچىلارنى تىزىش، چوڭلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئولتۇرۇش، تاماق يېگەندە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماسلىق، بالىلارنى ئەدەپلىك، تەربىيە كۆرگەن ئادەمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  


 ئۇنداقتا، بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى قاچان؟

 ئەگەر بالىڭىزنى ماختىماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن بۇرۇن قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا بالىلارنى خۇشال كەيپىياتتا غىزالىنىشقا باشلاپ، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  


 ئەگەر بالىنى تەنقىد قىلماقچى بولسىڭىز، بالىنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ دېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاممىۋى سورۇنلاردا بالىنى تەنقىد قىلىش بالىنىڭ غۇرۇرىغا ئازار بېرىدۇ، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  


 ئەگەر سىزنىڭ بالىغا دەيدىغان بىر قىسىم سەمىمىي پىچىرلاشلىرىڭىز بولسا، ئۇنداقتا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت. بۇ ۋاقىتتا، بالا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بىرقەدەر ئازادە بولۇپ، سىزنىڭ تەكلىپ ۋە تەربىيەلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

  


 ئومۇمەن، تاماق ئۈستىلى بالىلارنى تەربىيەلەيدىغان «سوت سۇپىسى»ئەمەس، بەلكى ئائىلىدىكىلەر جەم بولىدىغان، ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان جاي. بىز بالىلارغا ئىللىق، ئىناق غىزالىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، بالىلارنى ساغلام، خۇشال كەيپىياتتا ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلايلى.


XohBalam
قولايلىق بىلىملەر، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار
 最新文章