بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، دادىسىنىڭ سۆزى ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، نۇرغۇن دادا بالىلىرىنىڭ قەلبىدە ئاڭلاشنى ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغان سۆزلىرىگە سەل قارىغان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن بىز بالىلارنىڭ دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان بەش جۈملە سۆزىنى ئورتاقلىشىپ، ئاتا-ئانىلارغا ئىلھام بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بىرىنچى جۈملە:«ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغىنى بولسا بولىدۇ، باشقىلارنىڭ گېپىنى پۈتۈنلەي بەجا كەلتۈرۈش ھاجەت ئەمەس لېكىن باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ۋە ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.» بالىلار ھۆرمەتلىنىشكە ۋە چۈشىنىشكە موھتاج، ئۇلار ھەمىشە چوڭلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىككىنچى جۈملە:«سىز خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى خاتالىق سىزگە نۇرغۇن ياخشى تەجرىبىلەرنى ئۆگىتىدۇ، لېكىن تۈزىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھەمدە كەلگۈسىدە قايتا سادىر قىلماڭ». خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى مۇقەررەر يول، بالىلار دادىسىنىڭ خاتالىقىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى بىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن ساۋاق ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.
ئۈچىنچى جۈملە:«رەت قىلسىڭىز بولىدۇ، باشقىلارنىڭ بۇ سەۋەبلىك سىزنى ياخشى كۆرمەسلىكىدىن قورقماڭ، ئوخشاشلا سىزمۇ باشقىلارنىڭ سىزگە «ياق»دېيىشىنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. رەت قىلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم بىر دەرس، دادىسىنىڭ قوللىشى ئۇلارنى ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشقا تېخىمۇ جۈرئەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
تۆتىنچى جۈملە:«ئاۋازىڭىزنى قويۇپ بېرىپ يىغلىسىڭىز بولىدۇ، يىغلاش كەيپىياتىڭىزنى سىرتقا چىقىرىشنىڭ ئۇسۇلى، ھەممە ئادەم ئاچچىقىنى چىقىرىشى كېرەك، لېكىن يىغلاپ بولغاندىن كېيىن كۆز يېشىڭىزنى سۈرتۈۋېتىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىڭ». بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى چىقىرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، دادىسىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى ئۇلارغا تۇرمۇشتىكى خىرىسلارغا قەيسەرلىك بىلەن يۈزلىنىشنى ئۆگىتىدۇ.
بەشىنچى جۈملە:«ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەيلى نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتا-ئانىڭىز سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىدۇ». «بۇ سۆز بالىلارغا ئەڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرەك بولۇپ، ئۇلارغا شەرتسىز مۇھەببەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ».
ھەرقايسى دادىلار، بۈگۈندىن باشلاپ، بالىلارغا دائىم مۇشۇ گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى ئىللىقلىق ۋە ئىلھام ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭلار. بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ سۆزىڭىز بالىنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.