«ئاتا ـ ئانىلارنىڭ يەتتە قېتىم يار ـ يۆلەك بولۇشى ، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچكە كۈچ قوشىدۇ »
بالىسىنىڭ ئويۇنچۇقىنى باشقىلار بۇلاپ كەتكەندە، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى باشقىلارغا بېرىش-بەرمەسلىكنى قارار قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى ھەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بېرىشى، دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، بالىغا چېگرانى قوغداشنى ئۆگىتىشى كېرەك.
بالا مازاق قىلىنغاندا، ئاتا-ئانىسىنىڭ باغرىغا بېسىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ.
بالا بوزەك قىلىنسا، ئاتا-ئانىسى دەرھال ئادالەتنى ياقلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىتىشى كېرەك.
بالا يۈزتۇرا تەنقىدلەنسە، ئاتا-ئانىلار ئەدەپلىك ئارىلىشىپ، بالىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشى، ئۇنىڭغا توقۇنۇشقا لايىقىدا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك.
بالا ئىنكار قىلىنسا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنقىدىگە قارىتا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئاڭلاپ، توغرا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەش پىلانى تۈزۈشى كېرەك.
بالا ئۆز نەرسىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغاندا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا رەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۆگىتىشى ھەمدە سەۋەبىنى ئەدەپ بىلەن چۈشەندۈرۈشى، بېرىش بىلەن ساقلاپ قېلىش ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق تېپىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلارنىڭ يار-يۆلەك بولۇشى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى كۈچ مەنبەسى، بۇ «يەتتە قېتىملىق يار-يۆلەك بولۇش»نىڭ بالىلارنى كىشىلىك ھاياتتىكى خىرىسقا ئىشەنچ بىلەن يۈزلەندۈرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!