تەلەپچان بالا تەربىيىلەشنىڭ 4 يولى

文摘   2024-07-27 15:29   新疆  

 

ھەرقايسى ئاتا-ئانىلار، سىزنىڭ دائىم بالىلاردا تەلەپچانلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۈچۈن بېشىڭىز قاتامدۇ؟ بالىلار ئىش قىلغاندا سۆرەلمىلىك قىلىدۇ، پىلانسىز قالىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئۆگىنەلمەيدۇ، بۇ  بېشىڭىز قاتۇرۋاتامدۇ؟ ئەنسىرىمەڭ، بۈگۈن بالىڭىزنى تېخىمۇ تەلەپچان قىلىشنىڭ سىرىنى سىزگە ھەمبەھرلەپ ئۆتەي — ئاتا-ئانىلار بۇ تۆت ئىشقا قانچە چىدىيالىسا، بالىلارمۇ شۇنچە تەلەپچان بولىدۇ!
 


بىرىنچى ئىش: تولا كوتۇلدىماي چىداپ تۇرۇڭ. بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، بىز دائىم ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي قايتا-قايتا كوتۇلدايمىز. بىراق، تولا كوتۇلداش بالىلاردا بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا بىزارلىق پىسخىكىسى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ۋاتىلداشنى بېسىپ، بالىغا ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك.
 


ئىككىنچى ئىش: قول تىقماي چىداپ تۇرۇش. بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل مەسىلە ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئاتا-ئانىلار ناھايىتى ئاسانلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قول تىقىپ ياردەم قىلىدۇ. بىراق، ھەددىدىن زىيادە ياردەم بالىنى چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. مۇۋاپىق دەرىجىدە ۋاز كېچىپ، بالىلارغا ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە مەسىلىنى مۇستەقىل ھەل قىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
 


ئۈچىنچى ئىش: ئالدىراتماي چىداپ تۇرۇش. كۆپ ۋاقىتلاردا، بالىلارنىڭ ئىش قىلىشى ئاستا بولسا، ئاتا-ئانىلار توختىماي سۈيلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش ئەكسىچە بالىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ ۋە تەشۋىشلەندۈرۈپ، دىققىتىنى ئىشنىڭ ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. بالىلارغا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز رېتىمى بويىچە ۋەزىپىنى تاماملىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
 


تۆتىنچى ئىش: ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ سېلىشتۇرماسلىق. «باشقىلارنىڭ بالىسى»نۇرغۇن بالىلارنىڭ قەلبىدىكى كۆلەڭگە. ھەمىشە ئۆزىنىڭ بالىسىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئاكتىپچانلىقىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ. ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولىدۇ، بىز بايقاشقا ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.
 


قىسقىسى، ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز مۇۋاپىق ۋاقىتتا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، بالىمىزغا يېتەرلىك بوشلۇق ۋە ئىشەنچ بېرىشىمىز، ئۇلارغا ئەركىن مۇھىتتا تەدرىجىي تەلەپچان بولۇش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بالىڭىزغا ئىشىنىڭ، ئۇلار چوقۇم سىزگە  ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ!


مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

Albom相册
ئالبوم ياساش، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار، چەمبىرەك دۇردانىلىرى، گۈزەل رەسىملەر
 最新文章