تۇرمۇشتا، سىزنىڭ بوزەك قىلىنىش، ئەمما ئۈن-تىنسىز بەرداشلىق بېرىش كەچۈرمىشىڭىز بولۇپ باققانمۇ؟ ئاقكۆڭۈللۈك ۋە سەۋر-تاقەت سەۋەبلىك باشقىلاردىن ئازار يېگەنمۇ؟ ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق بولۇپ باققان، بۈگۈن بىز بۇ ئەھۋالنى قانداق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.
كىچىكىمىزدىن تارتىپلا، ئاتا-ئانىمىز بىزگە سەمىمىي بولۇش، ئاق كۆڭۈل بولۇش، يول قويۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. ئۇلار بىزگە بۇنداق پەزىلەتنىڭ بىزنى ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىتى. لېكىن، بىز جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندا، رېئاللىقنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق. ياۋاش، ئاق كۆڭۈل، ھە دېسىلا باشقىلارغا يول قويىدىغان كىشىلەر بوزەك قىلىنىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل كىشىلەر باشقىلارغا بوزەك بولۇش پۇرسىتى بېرىدۇ. باشقىلار تۇنجى قېتىم ئۇلارنى بوزەك قىلغاندا، ئۇلار سۈكۈت قىلىش ۋە بەرداشلىق بېرىشنى تاللاپ، ھېچقانداق قايتۇرما زەربە بەرمەيدۇ. بوزەك قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە، بۇنداق ئادەملەر ئاسان بوزەك بولىدۇ، ئۇلارنى بوزەك قىلسا ھېچقانداق بەدەل تۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق.
يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئاسانلا بوزەك بولىدىغانلارنىڭ سۈر-ھەيۋىسى ئاجىزراق بولىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى زىيادە ئويلايدۇ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى چىدىيالىسا چىدىماق بولىدۇ. بىراق، بۇنداق قىلىش بوزەك قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ ھېچنېمىدىن تەپ تارتمايدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
ئۇنداقتا، بىز بۇ خىل ئەھۋالنى قانداق ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، تۇنجى قېتىم بوزەك قىلىنغاندا، بىز دەرھال يۈز ئۆرۈشىمىز، بىۋاسىتە جەڭ قىلىشىمىز، سەۋر قىلماسلىقىمىز كېرەك. بەلكىم بەزىلەر:«بۇنداق قىلسام، ئۆزۈمنى بەك ئىتتىكلىك، ئاقىلانىلىك قىلمايۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويامدىم؟»دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئەگەر بىز تۇنجى قېتىم بوزەك قىلىنغاندا ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە مەيدانىمىزنى ئىپادىلىمىسەك، ئۇنداقتا كېيىن بىزنى نۇرغۇن قېتىملىق بوزەك بولۇش ساقلاپ تۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى «ئۇرۇش قىلىش»، زوراۋانلىق قىلىش ياكى قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىشنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، قارشى تەرەپكە بىزنى بوزەك قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، باشقىلار گەپ-سۆز بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، كەسكىنلىك بىلەن رەددىيە بېرىشىمىز كېرەك؛ باشقىلار بىزنىڭ مەنپەئىتىمىزگە دەخلى-تەرۇز قىلغاندا، باتۇرلۇق بىلەن قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
قىسقىسى، بىز ئۆزىمىزنىڭ چېگراسىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ھەرقانداق ئادەمگە ئۆزىمىزنى بوزەك قىلىدىغان پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز ئاندىن بۇ مۇرەككەپ جەمئىيەتتە ئىززەت-ھۆرمەتلىك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز.