بالىغا ۋارقىرىغاندا، نېمىشقا گەپ قىلماي تۇرۇۋالدۇ ؟

文摘   2024-07-17 20:33   新疆  

 سىلەر بالىغا ۋارقىراپ باققانمۇ؟ ۋارقىرىغاندىن كېيىن بالا گەپ قىلمايدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بۈگۈن مەن كۆپچىلىك بىلەن بۇ تېمىدا پاراڭلىشىمەن.

  


 بىز بالىغا ۋارقىرىغاندا، ئۇلار ئاپىسىنى ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. خۇددى پىروفېسسور لى مېيجىن ئېيتقاندەك، بالىلار خۇددى نەچچە يولۋاسنىڭ قىستىشى بىلەن تامنىڭ بۇلۇڭىغا كېلىپ قالغاندەك قورقىدۇ، ئۇلار ئاپىسىنى يەنە ماڭا ئاچچىقلايدۇ، مېنى ئەمدى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار پەقەت گەپ ئاڭلايدىغان بولۇشى كېرەك، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قەلبى سۆيۈلمەسلىكتىن قورقۇش بىلەن تولغان.

  


 يەنە بەزى بالىلار ئۆزىنى بەك ناچار ھېس قىلىدۇ، چۈنكى ئاتا-ئانىلارنىڭ دائىم ۋارقىراپ-جارقىرىشى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقى، توغرا ئەمەسلىكىنى، چاتاق بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇلار بارا-بارا ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ ئۈن-تىنسىز بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

  


 بۇنىڭدىن باشقا، بەزى بالىلار ئۇزۇن مۇددەت ۋارقىراشقا ئۇچرىغاندا كېيىن، بەدىنى ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمىنى ئاچىدۇ، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى توسۇۋالىدۇ، قارىماققا ئاڭلاۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىنى ئاڭلىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇزاق مۇددەتلىك ئېغىر بېسىم ئاستىدا، كۆڭلى بىخۇدلىشىپ قالغان ئىدى.

  


 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ بالىلارغا ۋارقىرىشىمىز ئەمەلىيەتتە ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى خورىتىدۇ. بالىلار كىچىك ۋاقتىدا، ئۇلار ئۆزىنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنى ئاتا-ئانىسىنى خاپا قىلىپ قويدۇم دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراشلىرىدىن نارازى بولىدۇ، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىمىزمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

  


 ئاتا-ئانا بىلەن بالىلىق مۇناسىۋىتى قاتماللاشقاندا، بالىلار تېخىمۇ  ئەكسىچە ئىش قىلىدۇ، بىز قانچە چەكلىگەن ئىشنى، ئۇلار بىزنى جازالاش ئۈچۈن شۇنچە قىلىدۇ.

  


 ھەتتا، بەزى بالىلاردا ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇخۇددى مەن كۆرگەن بىر خەۋەردە ئېيتىلغىنىدەك، بىر قىز بالىنىڭ دادىسى يىل بويى ھاراق ئىچىپ ئانىسى بىلەن ئۇنى ئۇرۇپ تىللىغان، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى مەيلىگە قويۇۋېتىش ئارقىلىق دادىسىدىن ئۆچ ئالغان.

  


 شۇڭا، ئائىلىدىكىلەر بالىلارغا ئاسانلىقچە ۋارقىرىماسلىقىمىز، ئۇلارنى كۆپرەك چۈشىنىپ، ئۇلار بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك، بولمىسا بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.


Albom相册
ئالبوم ياساش، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار، چەمبىرەك دۇردانىلىرى، گۈزەل رەسىملەر
 最新文章