بالىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى

文摘   2024-07-30 16:14   新疆  

 

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆپ ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇشىنى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن سىز  بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنەمسىز؟
 


نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كۆپرەك ساياھەتكە ئېلىپ بېرىشنى كۆپ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغانلىق، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ داكا 打卡 قىلىش، تاغ-دەريالارنى كۆرۈش، دۇنيانى كۆرۈش دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، بالىلار بۇ ھەيۋەت مەنزىرىلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، خۇددى دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانا، يىنشۈ خارابىسى قاتارلىقلار ئالدىدا، ئۇلار پەقەت ئۇنى چوڭ ئۆي، چوڭ تاش دەپ ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
 


ئەمەلىيەتتە،  بالىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۇلارنى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ھېس قىلدۇرۇش. مەسىلەن، كىچىك ھايۋانلارنى سىلاش، دەرەخكە چىقىپ مېۋە ئۈزۈش، دېڭىز بويىدىن قۇلۇلە قېپى تېرىش، تاغقا چىقىپ بامبۇك نوتىسى كولاش، ئېتىزلىققا بېرىپ  لاي پېتىقلاش قاتارلىقلار. ئادەتتىكى تۇرمۇش شەكلىدىكى بۇ ساياھەت تەسىراتلىرى بالىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.
 


بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئائىلە ۋە دۆلەت مۇھەببىتىنى تېخى بىلمەيدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا نىسبەتەن تېخى ئېنىق تونۇش ۋە چېگرا تۇرغۇزمايدۇ، بۇ چاغدا دۇنيانى ساياھەت قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار مول مەزمۇنلۇق كۈندىلىك تۇرمۇشنى تونۇشقا تېخىمۇ موھتاج، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ناھايىتى زور پايدىسى بار.
 


ئۇنداقتا، ئادەتتىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قانداق قىلىپ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن  نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتەلەيدۇ؟ بالىلارنى ئېلىپ باغچىغا بېرىپ چېدىر تىكىپ، قۇرت تۇتۇپ، قۇم كولاپ، سىرتتا بالىلارنى تەبىئەتنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەشدۈرسە بولىدۇ؛ تاللا بازىرىنى ئايلانغاندا، بالىلارغا ئۆزىنىڭ خامچوت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ سېتىۋېلىش، سېلىشتۇرۇپ مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىتىش كېرەك. بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك كارتون فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىم، كىنو كۆرۈش؛ ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرۇپ، ئادەمگەرچىلىكنىڭ ئىللىقلىقى ۋە لىنىيە مەنزىرىسىنى ھېس قىلىش؛ زاۋۇتنىڭ ئاقما لىنىيەسىگە بېرىپ قاراپ بېقىپ، ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش؛ قولدا ياساشقا قاتنىشىش، قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى ھېس قىلىش؛ بىر قېتىم سەھەر تۇرۇپ، بالىنى ئېلىپ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ خىزمىتىنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىش؛ كوچا بويلىرىغا بېرىپ يايما يېيىپ، سودا قىلىشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىش؛ بالىنى ھەرقايسى شەھەرلەردىكى مۇزېي، پەن-تېخنىكا سارىيى، كۇتۇپخانىلارغا ئاپىرىپ، تارىخىي سىرلار ۋە ئىلمىي قائىدىلەردىن ھۇزۇرلاندۇرۇش؛ قەرەللىك ھالدا بالىنى كىچىك تاغلىق كەنتكە ئاپىرىپ، يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇرۇپ بېقىش كېرەك.
 


قىسقىسى، يۇقىرىدىكىلەر ئارقىلىق  بالىلارغا كۈندىلىك تۇرمۇشنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە بۇ جەرياندا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىغا ئىجابىي ئېنېرگىيە قوشىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ماس كېلىدىغان جاھان كۆرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ، بالىلارنى ساغلام چوڭ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

Albom相册
ئالبوم ياساش، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار، چەمبىرەك دۇردانىلىرى، گۈزەل رەسىملەر
 最新文章