بالىڭىزغا قۇرۇق پاراڭ قىلىپ بەرگەننىڭ پايدىسى

文摘   2024-07-28 20:23   新疆  

 

سىز ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلىغاندا، پەقەت بالىڭىزغا «تېز ئۇخلاڭ، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ، گەپ قىلماڭ»دەپلا قويامسىز؟ بۇنداق بولغاندا ئاتا-ئانا بىلەن بالا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز! ئەمەلىيەتتە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلار بىلەن كۆپرەك «قۇرۇق گەپ»لەرنى قىلىشىپ بەرسىڭىز، مۇناسىۋىتىڭلار بارغانسېرى يېقىنلىشىدۇ، يەنە بالىنى بىلىپ-بىلمەي تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز.
 


تۆۋەندە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلار بىلەن پاراڭلاشقىلى بولىدىغان  تېمىلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن :
 
1.ئەگەر سىز بىر خىل جانىۋارغا ئايلانسىڭىز، نېمىگە ئايلىنىشنى ئەڭ خالايسىز؟ بۇ بالىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ياخشى چېنىقتۇرىدۇ.
2.قېنى بىر ئويۇن ئوينايلى، ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنكى بىر خۇشال ئىشنى ۋە بىر كۆڭۈلسىز ئىشنى دېيىشەيلى. بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگىلى بولىدۇ.


 
3.بۈگۈن قايسى كىچىك دوست سىزگە ئەڭ كۆپ گەپ قىلدى؟ سىز ئۇنى ياخشى كۆرەمسىز؟ بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك.
4.ئەگەر ئەتە بىر ئوقۇتقۇچى ئايرىلماقچى بولسا، سىز كىمنى ئەڭ ئۈمىد قىلىسىز، كىمنى ئەڭ ئۈمىد قىلمايسىز؟ بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ نەزەرىدىكى ھەقىقىي مۇئەللىمنى چۈشىنىش كېرەك.

 


5.ئەگەر بىر سوئالنى مۇئەللىم خاتا سۆزلەپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا سىز توغرا جاۋابنى بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ جاۋابىدا چىڭ تۇرامسىز؟ بالىلاردا مۇستەقىل قاراش، مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، باشقىلار نېمە دېسە شۇنى قىلىشتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.
6.ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز، گەپ ئاڭلايدىغان ياكى گەپ ئاڭلىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق باشقۇرىسىز؟ بالىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

 


7.قوزام، سىز قانچە خىل ئۆي ئىشلىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيسىز، بىز بىرلىكتە ساناپ باقايلى. بالىلارنىڭ ئائىلىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
8.قوزام، ئەگەر ئاپىڭىز خاپا بولۇپ قالسا، سىز قانداق ئامال قىلىپ ئاپىڭىزنى بەزلەيسىز؟ بالىلاردا كۆيۈنۈش ئىقتىدارى ۋە ھېسداشلىقنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

 


9.ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلامسىز؟ بەخت دېگەن نېمە؟ بەختلىك ئائىلە قانداق بولىدۇ؟ بالىلارنىڭ بەخت تونۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
10.سىزنىڭ قەلبىڭىزدە كىم ئەڭ قالتىس؟ بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم بولغۇسى بارلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، بالىلارنى ئۈچ خىل قاراشنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.
 


بۇ مەسىلىلەر قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالىلار سىزنىڭ غەمخورلۇقىڭىز ۋە ھۆرمىتىڭىزنى ھېس قىلغاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرى ۋە ھېسسىياتىنى سىز بىلەن ھەمبەھرىلىنىشنى تېخىمۇ خالايدۇ.
 


شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بالىلار بىلەن بۇ «قۇرۇق گەپ»لەر توغرىسىدا پاراڭلاشسا بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، مۇشۇنداق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانا بىلەن بالىلىق مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، بالىلارمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. تېز كېلىپ سىناپ بېقىڭ!
 

مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

XohBalam
قولايلىق بىلىملەر، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار
 最新文章