تۇرمۇشتا سىز دائىم گاڭگىراپ قالامسىز، قانداق قىلغاندا ھاياتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ئەقىللىق ئاياللار بىر ئۆمۈر بۇ ئۈچ ئىشتا قانچە كارى بولمىغانسېرى شۇنچە تەلەيلىك بولىدۇ!
بىرىنچىدىن، مەيلى كىم بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشتىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولۇشى كېرەك. مۇستەقىل قارىشى بار ئاياللار مۇستەقىل روھقا ئىگە بولىدۇ، باشقىلارنىڭ رايىغا بېقىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى تۆۋەنلەتمەيدۇ. ئۇلار مەسىلىگە يولۇققاندا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمى بولىدۇ، باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دېمەيدۇ، توغرا تاللاش چىقىرالايدۇ. مۇستەقىل قارىشىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ، گاراڭ بولۇپ قالىسىز. شۇڭا، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، ئۆزىنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، خاتا مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچراتماسلىق كېرەك.
ئىككىنچىدىن، مەيلى سىرتقى دۇنيانىڭ قانچىلىك ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. نۇرغۇن ئاياللار تۇرمۇشتا ئاستا-ئاستا ئادىشىپ، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ھالەتتە ياشايدۇ. بىراق، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بولىدۇ، باشقىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشى ھاجەتسىز. سىرتقى دۇنيانىڭ ئارزۇسى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا زىيادە پەرۋا قىلىپ كەتمەڭ، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، قەلبىڭىزدىكى بەخت ۋە خۇشاللىقنى قوغلىشىڭ.
ئۈچىنچى، مەيلى قانچە ياشقا كىرگەن بولۇڭ، تەنھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈڭ. ئاياللار تۇرمۇشتا كۆپ خىل رول ئالىدۇ، بېسىم ئېغىر بولغاچقا، ئاسانلا چارچاپ كېتىدۇ. ھەرىكەت بولسا يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭگۈشتەر بولۇپ، بىزنى ساغلام، ياشلىق ۋە ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ. ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرغاندا بەدەننىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىزنى ئوچۇق-يورۇق، ئۈمىدۋار قىلىدۇ. شۇڭا، مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولۇڭ، ئۆزىڭىزنى تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان تەنھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئۆزىڭىزنى چەكسىز نەپكە ئېرىشتۈرۈڭ.
ھەممىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەردە ئەڭ ياخشى ئۆزىمىز بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن!