ئالدىڭىزنى توسۇۋالغىنى پەقەت ئۆزىڭىز

文摘   2024-07-20 21:36   新疆  


 سىزمۇ ئىلگىرى باشقىلارنىڭ بىر ئېغىز گېپى ئۈچۈن كەيپىياتىڭىز ئۇياق-بۇياققا ئۆرتۈنۈپ باققانمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر روھىي خوراش قاينىمىغا پېتىپ قالدى، بۇ بىزنىڭ زېھنىمىز ۋە خۇشاللىقىمىزنى ئاستا-ئاستا خورىتىۋاتىدۇ.

  


 خۇددى دوستۇم ئۇچراتقان ئىشقا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ مالىيە بۆلۈمىدىكى ھەدەش پەقەت توپتىكى خىزمەتداشلىرى ئۇچۇرغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرمىغاچقا، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە پىكرى بارلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان، قىسقىغىنا بەش مىنۇت ئىچىدە، دوستۇمغا توختىماي قاخشاپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز بەكلا سەزگۈر بولۇپ، بەزى كىچىك ئىشلارنى بەكلا مۇرەككەپ ئويلىۋالىمىز.

  


  مۇنداق  بىر گەپ بار گاراڭ تۇيغۇ دېگەن سۆزنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك، نۇرغۇن ئىشلارغا ئۇنچە سەزگۈر بولماسلىقىڭىز، ھۆكۈم قىلىشقا ئۇنچە ئالدىراپ كەتمەسلىكىڭىز كېرەك».  دەرۋەقە، ئادەم سەزگۈر بولسا بولىدۇ، لېكىن كىشىلىك مۇناسىۋەتكە زىيادە سەزگۈر بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. خىزمەت سورۇنىدا رەھبەرلەرگە ھەددىدىن زىيادە باھا بېرىپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىلىشىمىز كېرەككى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى سىزنى تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بولۇشى مۇمكىن. خىزمەتداشلارنىڭ باھاسى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئىشقا چۈشۈش پۇل تېپىش ئۈچۈن، دوست تۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆرۈنۈشتە ياخشى بولسىلا بولدى.

  


 بىز ھەرگىز ئۆزىمىز بىلەن قېرىشماسلىقىمىز كېرەك. ئىشقا چىققاندا ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشتىن چۈشۈپلا تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىپ، ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ساياھەت قىلىپ، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىپ، كۈنلىرىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  


مۇنداق بىر جۈملە بارئالدىڭىزنى توسۇۋالغىنى پەقەت ئۆزىڭىز». «بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئەخمىقانە قىلمىشى دەل ئۆزى بىلەن چىقىشالماي، قەلبى ۋە روھىنى قوش ئازابقا ئۇچرىتىشتۇر. ئىشنى تېخى قىلماي تۇرۇپلا، ھەر خىل ناچار ئاقىۋەتلەرنى ئالدىن ئويلاش خەتەرلىك، بۇنداق قىلغاندا پىسخىكا ئېنېرگىيەسىنى خورىتىۋېتىدۇ. تەشۋىشلىنىش ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالماستىن، ئەكسىچە ھازىرقى ئەھۋالنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھازىرقى قىيىنچىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا يوقىلىدۇ.

  


 ھايات قىسقا، قايتا-قايتا ئىسراپ قىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز. تۇرمۇش بەلكىم كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئىچكى خوراشنى توختاتساقلا، ھاياتىمىز چوقۇم بارغانسېرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا، سىزنىڭ قەلبىڭىزنى بەند قىلماي، ئەركىن-ئازادە بولۇپ، ئۆز نۇرىڭىز بولۇپ ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.


XohBalam
قولايلىق بىلىملەر، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار
 最新文章