بالىغا دائىم ۋارقىرىغاننىڭ 6 چوڭ ئاقىۋىتى

文摘   2024-07-24 23:57   新疆  

سىز دائىم ئۆزىڭىزنى تۇتالماي بالىغا ۋارقىراپ-جارقىرامسىز؟ بۇنداق بولغاندا بالىغا قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
 


نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ شوخلۇقى، ئوقۇش بېسىمى ياكى تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا يولۇققاندا، دائىم ۋارقىراپ-جارقىراپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تاللايدۇ. لېكىن بۇنداق تەربىيەلەش ئۇسۇلى بالىلاردا تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئەھۋالنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن :
 


بىرىنچى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئۆزىنى ئىنكار قىلىش شەكىللىنىدۇ. خۇددى ۋەلىگە ئوخشاش، ئاپىسىنىڭ ۋارقىراپ-جارقىرىشى بىلەن بارغانسېرى ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆزىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، بارا-بارا ئۆزىنى كەمسىتىدىغان،  ئۆزىنى ھېچقانداق ئىشنى توغرا قىلدىم دەپ قارىمايدىغان بولۇپ قالدى.
 


ئىككىنچى، كەيپىياتنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، ئاسان تېرىككەك بولۇش. مەسىلەن، نادىر ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراش مۇھىتىدا، ۋارقىراش ۋە ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق مەسىلىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى، بۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتتە جىددىيلىك پەيدا قىلىپ، ئۆزىمۇ ياردەمچىسىز ھالەتتە يالغۇز قالدى.
 


ئۈچىنچى، پىكىر ئالماشتۇرۇش توسالغۇسى، پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن قېچىش. مەمەتنىڭ دادىسى ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ۋە تىللاپ، ئۇنى ئوي-پىكرى ۋە ھېسسىياتىدىن دادىسى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالىمايدىغان قىلىپ قويغان، قىيىنچىلىققا يولۇقسىمۇ ئۆزى يالغۇز بەرداشلىق بەرگەن.
 


تۆتىنچى، ئۆگىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تۆۋەنلەپ، نەتىجە تۆۋەنلەپ كېتىشى. گۈلنۇرنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلىپ ۋە ۋارقىراپ-جارقىراپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ، ئۆگىنىش پەقەت ئاپىسىنىڭ ئۈمىدىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىپ قويغان. 
 


بەشىنچى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچراپ، كوللېكتىپقا سىڭىشىش تەسكە توختاش. رۇقىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى سەۋرسىز بولغاچقا، دائىم ئۇنىڭغا ۋارقىراپ-تىللاپ، رۇقىيەنى سەزگۈر، گۇمانخور قىلىپ قويدى، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشقا ماھىر بولمىغانلىقتىن، مەكتەپتە ساۋاقداشلىرى ئۇنى يالغۇز قالدۇردى.
 


ئالتىنچى، پىسخىكا ساغلاملىق مەسىلىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ۋارقىراپ-جارقىراش بالىغا ئېغىر پىسخىكىلىق زىيان يەتكۈزۈپ، تەشۋىشلىنىش كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى، ئۇيقۇ توسالغۇسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
 


ئاتا-ئانىلار، بىز مۇھەببەت ۋە چۈشىنىشنى ئاساس قىلىپ، ئاكتىپ، ئىجابىي تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك. ۋارقىراپ-جارقىراشنى بالىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ، بالىغا ئىللىق، ئىناق ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىڭ!

مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

XohBalam
قولايلىق بىلىملەر، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار
 最新文章