بالىلار پۇل سورىغاندا چوقۇم دىققەت قىلىڭ

文摘   2024-07-19 21:23   新疆  


 بالىلار پۇل سورىغاندا، سىزنىڭ پوزىتسىيىرىڭىز ئىنتاي مۇھىم.؛ 

 بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، پۇل تەربىيەسى كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر دەرسلىك. لېكىن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسى قولىنى سوزۇپ پۇل تەلەپ قىلغان چاغدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ بالىسىنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ.

  


 نامرات بېقىلغان بالىلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە ئىرادىسىزلىك قىيىنچىلىقىغا ئاسان پېتىپ قالىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئىلگىرى نامراتلىقنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ماددىي جەھەتتىكى كەمچىللىك بالىلارغا جاپا چېكىشنى، كۈرەش قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق، ئۇلار نامراتلىقنىڭ بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە قورقۇنچاقلىق ئۇرۇقى چېچىپ قويىدىغانلىقىغا سەل قارىغان.

  


 باياشات بېقىلغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولۇشىمۇ ناتايىن. ماددىي نەرسىلەر ھەددىدىن زىيادە ئاتا قىلىنسا، ئۇلاردا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يېتىلدۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىدارى بالىلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئارزۇسىنى قاندۇرالمىغاندا، بالىلار ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىن ئاغرىنىشى، ھەتتا ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

  


 ئۇنداقتا، توغرا بولغان پۇل تەربىيەسىنى زادى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

  

 ئالدى بىلەن، بالىلارغا پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا پۇلنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز، شۇ ئارقىلىق قەدىرلەش ۋە مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەندە، ئەگەر ئىقتىدارىمىز چەكلىك بولسا، بالىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگە بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇشتىن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  


 ئىككىنچىدىن، بىز بالىلارغا شۇنى ئېيتىشىمىز كېرەككى، ئائىلە ئۈچۈن بەدەل تۆلەش كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان بىر ئىش. بالىلارنىڭ ئالدىدا تۇرمۇشنىڭ بېسىمىنى ھە دېسىلا تەكىتلىمەسلىك كېرەك، ئۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ قەلبىنى تەشۋىش ۋە خاتىرجەمسىزلىككە تولدۇرۇپ قويىمىز. بىز بالىلارغا ئائىلە ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  


 ئۇنىڭدىن باشقا، بىز بالىلارغا مال-دۇنيانى سۆيۈشنىڭ ئادەمنىڭ تەبىئىتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ يولى بارلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. تېخىمۇ ياخشى ماددىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئادەمنىڭ تەبىئىتى، ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. بىراق، مۇھىمى چوقۇم قانۇنلۇق يول بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

  


 بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك. بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ئىستېمال قارىشىمىز ۋە ھەرىكەت ئەندىزىمىز ئۇلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز بالىلارغا ئەقلىي ئىستېمال قىلىش ئۈلگىسى تىكلەپ، ئۇلارنى ئائىلىنىڭ ئىستېمال تەدبىرىگە قاتناشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال پىلانىنى ئورتاق تۈزۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنى پۇل ئامانەت قويۇش ئارقىلىق ۋاقتىنچە سېتىۋالغىلى بولمايدىغان بۇيۇم ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە پىلانلاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  


 ئەڭ ئاخىرىدا، بىز بالىلارنى مۇۋاپىق «ئەمگەك»ئارقىلىق ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشتۈرەلەيمىز. مەسىلەن، بىر قىسىم ئاددىي ئائىلە ئىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بەلگىلىك «مۇكاپات»بېرىش. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بالىلاردا «پۇل بولمىسا ئىش قىلمايمەن»دەيدىغان خاتا قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۆگىنىش، تاپشۇرۇق ئىشلەش قاتارلىقلار ئەسلىدە ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ئىشلار بولۇپ، پۇل بىلەن باغلانماسلىقى كېرەك.

  


 قىسقىسى، پۇل تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم، بىز بالىلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى توغرا پۇل قارىشى تۇرغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

 ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنى توغرا پوزىتسىيە ۋە ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلەپ، گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


Albom相册
ئالبوم ياساش، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار، چەمبىرەك دۇردانىلىرى، گۈزەل رەسىملەر
 最新文章