سىزدە قايسى ۋىتامىن كام بىلۋېلىڭ

文摘   2024-08-11 23:34   新疆  

 ۋىتامىن كەملىكنىڭ ئىپادىسى، بىلەمسىز؟ سىز دائىم بىئاراملىق ھېس قىلامسىز، لېكىن سەۋەبىنى بىلمەمسىز؟ ئەمەلىيەتتە، ۋىتامىن كەمچىل بولۇش باش جىنايەتچى بولۇشى مۇمكىن.

 


ۋىتامىن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان مىكرو ئورگانىك ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، مېتابولىزمى، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بىراق، بەدىنىمىزدە ۋىتامىن كەمچىل بولغاندا، ھەر خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
 


ۋىتامىن A كەمچىل بولغاندا، تىرناقتا چوڭقۇر، روشەن ئاق يىپ پەيدا بولىدۇ، چاچ ۋە تېرە يېرىكلىشىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، كەيپىياتى ناچار ھەم ئۇيقۇسىز بولىدۇ. كۆز نۇردىن قورقىدۇ، ئاسان چارچايدۇ، يەنە ئاسانلا بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ، ھەتتا چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
 


ۋىتامىن B 1 كەمچىل بولغاندا، ياڭراتقۇغا زىيادە سىزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆرۈلىدۇ، پاقالچاق ئارىلاپ سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەزىم ناچارلىشىش، چىدامچانلىق كەمچىل بولۇش، تېرە يېرىكلىشىش، رەڭگىرويى ياخشى بولماسلىق، پۇت-قول ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. كۈچلۈك نۇر ئاستىدا نەرسىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ، غۇۋا نۇر ئاستىدا بولسا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
 


ۋىتامىن B 2 كەمچىل بولسا، ئاسانلا جاۋىغاي ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ، ھەر خىل تېرە خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ ئىشىك ئالدىغا ئىزدەپ كېلىدۇ. نۇرغا زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېتىش، تېرە مايلىق بولۇش، باش كېپىكى كۆپىيىش، يەنە ئۇيقۇسىزلىق، ئېغىز پۇراش، سەۋەبسىز باش ئاغرىش ۋە روھىي جەھەتتىن چارچاش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.
 


ۋىتامىن B 6 كەمچىل بولسا، مۇسكۇللار تارتىشىپ قالىدۇ، تاشقى زەخىمنى ساقايتىش تەس. ھامىلىدار ئاياللاردا ۋىتامىن B 6 كەمچىل بولسا، كۆڭلى زىيادە ئېلىشىپ، قۇسىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تىل قىزىرىپ ئىششىش، ئېغىز پۇراش، ئېغىز يارىسى، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، قاپاق ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
 


ۋىتامىن B 12 كەمچىل بولسا، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولماسلىق، زېھنىنى يىغالماسلىق، ھەرىكەت ئاسان تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بەدەندە يەنە بەزىدە توختاپ-توختاپ ئورۇن بەلگىلىيەلمەي ئاغرىش، بارماق ۋە پۇت بارماقلىرى تېلىپ ئاغرىش، قان ئازلىق قاتارلىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
 


ۋىتامىن C كەمچىل بولسا، ئاسانلا بۇرۇن قانايدۇ، زۇكام بولىدۇ، ئېغىز قۇرۇپ تىل قۇرغاقلىشىدۇ، مۇھىت، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالمايدۇ، يارا ئېغىزى تەستە ساقىيىدۇ، بەدەن ئاجىزلايدۇ، چىش مىلىكى قانايدۇ، تىل گېزى قېلىنلاپ كېتىدۇ.
 


ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالىلار ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، بىئارام بولىدۇ، كېچىدە يىغلايدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەردە مۇسكۇللار بوشىشىپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش، سۆڭەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
 


ۋىتامىن E كەمچىل بولسا، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئاسان تەرلەيدۇ، تېرىسى قۇرغاقلىشىدۇ، چېچى ئاچىلىشىپ كېتىدۇ، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىدۇ، ئاياللار يەنە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشى مۇمكىن.



مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ
  قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

Albom相册
ئالبوم ياساش، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار، چەمبىرەك دۇردانىلىرى، گۈزەل رەسىملەر
 最新文章