بالا ھە دېسىلا ئاچچىقلىنامدۇ؟

文摘   2024-07-25 15:22   新疆  

 

«بالا ھە دېسىلا ئاچچىقلىنامدۇ؟ » بۇ تۆت چارىنى سىناپ بېقىڭ! 

بەزىدە بالىلار ھە دېسىلا ئاچچىقلىنىدۇ، بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ! سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق قىيىنچىلىقىڭىز بارمۇ؟ بالا بازار ئايلانغاندا دائىم ئويۇنچۇق ئالىمەن دەيدۇ، ئالمىسىلا ئاچچىقلايدۇ؛ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بىلمەيدىغان تېمىغا يولۇقسىلا يىغلايدۇ؛ ئۇنىڭغا بىر ئېغىز تېلېفون ئوينىما دېسە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ، قولدىكىنى يەرگە ئاتىدۇ. بۇ مەنزىرىلەر سىزنى نائىلاج ۋە تەشۋىش ھېس قىلدۇرامدۇ؟
 


ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ ئاچچىقلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا سەۋەب بار. ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ پارتلىشى ھەمىشە سەۋەبسىزلا بولمايدۇ، كۆپ ھاللاردا ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۇسۇلىدۇر. خۇددى مۇز تاغ نەزەرىيەسىدە ئېيتىلغاندەك، بالىلارنىڭ ئىپادىلىگەن ھەرىكىتى پەقەت ئاز بىر قىسىم بولۇپ، كۆپ قىسىم ئىچكى دۇنيانى بىز كۆرەلمەيمىز.

 

  ئاتا-ئانىلار سەۋرچانلىق بىلەن كۆزىتىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، بالىلىرىنىڭ كەيپىياتىنىڭ داۋالغۇشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك، بۇ بەلكىم ئۆگىنىش بېسىمى، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، ئائىلە مۇھىتى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.
 


ئۇنداقتا، بىز بالىلارنى قانداق يېتەكلىشىمىز كېرەك؟ بۇ يەردە كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان تۆت چارە بار.
بىرىنچى چارە، بالىنىڭ مىجەزىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبنى ئىزدەش. مەسىلەن، نۇربىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن تەشۋىشلىنىپ، دائىم ئاچچىقى كېلىدىغان بولۇپ قالدى. ئاتا-ئانىسى مۇئەللىم بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتتى.
 


ئىككىنچى ئۇسۇل، بالىغا كەيپىياتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش. كەيپىياتنى مۇۋاپىق ئىپادىلەش كېرەك، بېسىۋېلىشقا ياكى پارتلاشقا بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆز كەيپىياتىنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئۆگىتىشى كېرەك، مەسىلەن، «بەك ئاچچىقىم كەلدى»ياكى «ھازىر كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارغا ئىچ ئاغرىتىش سەۋەبىدىن پىرىنسىپتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، بولمىسا بالىلار ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشىغا تەھدىت سالىدۇ.
 


ئۈچىنچى تەدبىر، بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بەزى ئاددىي بولغان كەيپىيات باشقۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتسە بولىدۇ، مەسىلەن، چوڭقۇر نەپەسلىنىش، ۋاقىتنى تەتۈر ساناش، دىققەتنى يۆتكەش قاتارلىقلار. بۇ ماھارەتلەر بالىلارنىڭ كەيپىياتى ھاياجانلانغاندا تېز سۈرئەتتە ئۆزىنى بېسىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
 


تۆتىنچى تەدبىر: ئاتا-ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە پوزىتسىيەسى بالىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بېسىم ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، سوغۇققان ۋە ئاقىل بولۇش كېرەك.
 


قىسقىسى، بالىلارنىڭ ئاچچىقلىنىشىغا قارىتا، ئاتا-ئانىلار قورقماسلىقى، ئۇنى بىر قېتىملىق تەربىيە پۇرسىتى قىلىشى كېرەك. سەۋرچانلىق ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن بالىنى يېتەكلەپ، بالىنىڭ ئاچچىقلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بالىغا كەيپىياتىنى ئىپادىلەشنى ئۆگىتىپ، كەيپىيات باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ، بالىنىڭ تەدرىجىي ھالدا مۇقىم كەيپىيات تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بالىلارنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشمەن!
 

مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

XohBalam
قولايلىق بىلىملەر، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار
 最新文章