تۇرمۇشتا، سىز دائىم يۈز-ئابرۇي مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىككىلىنىپ قالامسىز، يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن زىيان تارتىپلا يۈرەمسىز ؟
كىشىلىك ھاياتتا يۈز-ئابرۇي، سورۇن، كۆڭۈلدىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. بىراق، نۇرغۇن ئادەم يۈز-ئابرۇيىغا ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بەرگەنلىكتىن، تۇرمۇشتا ئەكسىچە يۈز-ئابرويى بولمايدۇ.
ئىش قىلغاندا، يۈزسىزلىك قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. يېڭى بىلىم ئۆگىنىش، يېڭى چەمبىرەككە سىڭىپ كىرىشتە، ئەگەر يۈز-ئابرۇيغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىپ، دائىم خىجىللىق ھېس قىلسىڭىز، غورۇرىڭىز بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا ئىشلارنى ئۆگىنىش كەيپىياتى بىلەن قىلىشىمىز، بەك كۆپ غەم قىلىپ كەتمەسلىكىمىز، قولىمىزدىكى خىزمەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
ئادەم يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلىشى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلارنى رەنجىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغاچقا، ئەزەلدىن يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۆزى ناھايىتى جاپا تارتسىمۇ، رەت قىلىشقا ۋە ئويىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇنداق قىلغاندا، ئەتراپتىكى كىشىلەر ئاچكۆزلۈك قىلىپ، ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. يۈز ئۆرۈش پوزىتسىيەمىز، مەيدانىمىز ۋە تۆۋەن چېكىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلالىغىنىمىزدا نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، قارشى تەرەپكە پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈرۈپ، مەلۇم دەرىجىدە يېڭىپ چىقىمىز.
ئىش قىلغاندا يۈزسىزلىك قىلىدىغان جاسارەت ۋە كەڭ قورساقلىققا، شۇنداقلا ئادەم بولغاندا يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان ئەقىل-پاراسەت ۋە غەيرەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ قەتئىي، ئۈمىدلىك ياشىيالايمىز.
يۈز-ئابرۇيىمىزنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشقا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنەيلى، ھەقىقىي ئۆزىمىز بولايلى، ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان ھاياتقا قورقماي ئىنتىلەيلى!