تۆۋەن ئاۋازلىق تەربىيىنى بالىلار تېخىمۇ ياقتۇرىدۇ

文摘   2024-08-11 23:34   新疆  

 بالىلار سۆرەلمىلىك قىلغاندا، سىزمۇ ئىلگىرى ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالماي يۇقىرى ئاۋازدا ئەيىبلىگەنمىدىڭىز؟ ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ.

 


 بۇنداق مەنزىرىلەر ئەتراپىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەتىگەندە بالىلارنى چىشىنى چوتكىلاپ، يۈزىنى يۇيۇشقا سۈيلىسە، كەچتە بالىلىرىنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە سۈيلىسە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى دائىم پۈتۈن ئۆينى بىر ئالىدۇ.
 


بىراق، قاتتىق ۋارقىراش مەسىلىنى ھەل قىلالماستىن، ئەكسىچە بالىلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، تەربىيە ئۈنۈمىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلار چوڭلارنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. كەيپىيات جەھەتتە، ئۆزىنى بايقاش ۋە تەھلىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقسا، ئۆزىنىڭ مىجەز-خۇلقىنى چۈشىنىپ، ۋاقتىدا تەڭشىسە بولىدۇ؛ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، مەسىلەن، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ياكى ۋاقتىنچە كەيپىياتتىن ئايرىلىش، كەيپىيات قاينىمىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛ بالىنىڭ ياخشىلىقىنى ئويلاپ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك.
 


بالىنى تەربىيىلەش جەريانىدا، بالىغا كۆپرەك ۋاقىت بېرىش كېرەك. بالىلارغا كېيىنكى قەدەمدە قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىدىيەۋى تەييارلىقى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاندىن مۇۋاپىق پەيتتە ئەسكەرتىش كېرەك. ئەگەر بالا كۆپ قېتىم ئەسكەرتىپ يەنىلا ھەرىكەت قىلمىسا، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە ئەھۋالنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
 


بىلىش كېرەككى، تۆۋەن ئاۋازلىق تەربىيەنى بالىلار تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە ئۈنۈمىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىز بالىلار بىلەن تۆۋەن ئاۋازدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى سىناپ بېقىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولايلى.



مەزمۇننى ياقتۇرسىڭىز چەمبىرەككە بەھىرلەپ
  قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت

XohBalam
قولايلىق بىلىملەر، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار
 最新文章