باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىرىنچى كۈنى مۇنداق بولدى

文摘   2025-01-16 20:03   新疆  

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىرىنچى كۈنى مۇنداق بولدى

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش رەسمىي باشلاندى. ئۇچقاندەك مېڭىۋاتقان پويىزلار، ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار ۋە كۆكتە ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلارنلار...كىشىلەر يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، قوللىرىدا پويىز بېلىتىنى تۇتۇپ، تىقما-تىقما ئادەملەر ئارسىدا تۇراتتى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ئالدىراشلىق ۋە ئۈمىدكە تولغان قىياپەت بالقىيتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئۆيگە قايتقان سىمايىمىز ئەلۋەتتە. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ئۆيگە قايتىش يولىنى كۆرۈپ، بىرلىكتە سېغىنىش ئىلكىدە جەم بولۇشقا ئاتلىنايلى.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، يولۇچىلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پويىز كۈتمەكتە.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پىدائىيلار يولۇچىلارنى پويىزغا چىقىشقا يېتەكلىمەكتە.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پويىز كۈتۈۋاتقاندا، بىر ئائىلە باشلىقى ۋە كىچىك دوست بىرلىكتە ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى كۆرمەكتە.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، پويىز كۈتۈۋاتقان بىر ئائىلە باشلىقى كىچىك دوستنىڭ چېچىنى تارىماقتا.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، يولۇچىلار شىنجاڭ تۆمۈريولى «تىيانشان قار لەيلىسى» يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت سۈپەتلىك ماركىسى قۇت بەلگىسى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، يولۇچىلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پويىز كۈتمەكتە.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئۈرۈمچىدىن لەنجوۋغا قاتنايدىغان T258 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز يولغا چىقىشقا تەييارلاندى.

مەزمۇن «ئانار بۇلۇت»دىن تەرجىمە قىلىندى

 تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات





ھەمبەھىرلىنىڭ

تەۋسىيەلەر


01

ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا پىسخىك ھالىتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك

02

ئەتلەستىن تىكتىم ئەستەر، ھەممىدىن ياخشىسى قەشقەر

03

ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇماي قوشۇمچە ھەققى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ


ئاستىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章