شۇ جاي ۋاقتى 21-يانۋار، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يېرلىكايا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بولۇ ئۆلكىسىدىكى چاڭغا تېيىلىش ئارامگاھىدىكى بىر مېھمانسارايدا شۇ كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 66 ئادەم قازا قىلدى، 51 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر.
بولۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا ئەزىز ئەيدىن سەل بۇرۇنراق مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئوت ئاپىتى 21-چېسلا سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەندە مېھمانسارايدا 234 مېھمان كۆچۈپ كىرگەن.
تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ( 21-يانۋار ) خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى بولۇ ئۆلكىسىدىكى چاڭغا تېيىلىش ئارامگاھىدىكى بىر مېھمانسارايدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. بولۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوت ئاپىتى شۇ جاي ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە يۈز بەرگەن، ھازىر يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى يەنىلا نەق مەيداندا، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس.
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى