12 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتكەن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «دېڭىز ئارمىيە گېنېرال ناھىموف» ناملىق ئېغىر تىپتىكى يادرو ئېنېرگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى مۇھىم ئىلگىرلەشلەرنى كۈتۈۋالدى.
پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاسس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ھەربىي سانائىتىدىن خەۋەردار بىر ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 11442M تىپلىق «دېڭىز ئارمىيە گېنېرال ناھىموف» ناملىق ئېغىر تىپتىكى يادرو ئېنېرگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ئوكيان چارلاش پاراخوتىنىڭ يادرو رېئاكتورى ئىشقا كىرىشكەن. بۇ ئەرباب مۇنداق دېدى : «2024-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، «ئادمىرال ناھىموف» ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى دېڭىزغا چىقمىغان ئەھۋالدا پىلان بويىچە يادرو رېئاكتورىنى قوزغىدى، ئوكيان چارلاش پاراخوتىنىڭ ماگنىتسىزلاندۇرۇش مەشغۇلاتىمۇ تاماملاندى».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىر ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەرباب «فىلوت-2024» خەلقئارا دېڭىز ئارمىيىسى كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، بۇ ئوكيان چارلاش پاراخوتى 2025-يىلى يازدىن باشلاپ زاۋۇتتا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇشنى باشلايدۇ، ئارقىدىن دۆلەت سىنىقى ئېلىپ بارىدۇ، دېدى. يەنە بىر خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى پىلان بويىچە، بۇ پاراخوت ئالاقىدار سىناقلار تاماملانغاندىن كېيىن 2026-يىلى تاپشۇرۇلىدىكەن.
شىمال ماشىنا ياساش زاۋۇتىنىڭ باش دىرېكتورى مىخائىل بۇدنىچېنكو مۇنداق دېدى : «دېڭىز ئارمىيە گېنېرال ناھىموف» ناملىق پاراخوت تېخنىكىلىق قورال-جابدۇق جەھەتتە بىردىنبىر. ئۇ بۇ تۈرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئوكيانىنىڭ ھەرقانداق جايى، ھەرقانداق ھاۋارايى ۋە كىلىمات شارائىتىدا ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلالايدۇ، بوران-چاپقۇندىن قورقمايدۇ. دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، «دېڭىز ئارمىيە گېنېرال ناھىموف» ناملىق پاراخوت ئاز دېگەندە 30 يىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىدۇ.
«دېڭىز ئارمىيە گېنېرال ناھىموف» ناملىق پاراخوت نۆۋەتتە دۇنيادىكى سۇ چىقىرىش مىقدارى ئەڭ چوڭ ئوكيان چارلاش پاراخوتى بولۇپ، تولۇق يۈك چىقىرىش مىقدارى 25 مىڭ 800 توننىغا يېتىدۇ. بۇ پاراخوت سوۋېت ئىتتىپاقى ياسىغان 11442 تىپلىق يادرو ئېنېرگىيەلىك ئوكيان چارلاش پاراخوتى ( «كىلوف» دەرىجىلىك ) نىڭ 3-نومۇرلۇق پاراخوتى بولۇپ، 1983-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سۇغا چۈشۈرۈلۈپ، «كالىنىن» ناملىق پاراخوت دەپ ئاتالغان. ھازىر رۇسىيەدە «كىرىلوف» دەرىجىلىك ئىككى پاراخوت بار، يەنە بىر «پېتېر بۈيۈك» ناملىق پاراخوت شىمالىي فلوتتا.
بۇ قېتىمقى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە پاراخوت گەۋدىسى ۋە يادرو رېئاكتورىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقاندىن باشقا، مۇھىم نۇقتا پاراخوتقا ئورنىتىلغان قوراللار ۋە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش. پاراخوتقا ئورنىتىلغان قوراللار جەھەتتە بۇ پاراخوت 3K14 «دېڭىز ئارمىيەسى ئۇنىۋېرسال ۋېرتىكال قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى» نى «گرانىت تاش» ( SS-N-19 ) نى قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان CM-225 ۋېرتىكال قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكەن، 10 دانە سەككىز بىرلەشمە قۇراشتۇرۇلغان جەمئىي 80 قويۇپ بېرىش بۆلىكى بولۇپ، «كالىبر»-HK يەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، «كۇلۇب» يۈرۈشلۈك پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، «سىركونىي تاش» ئاۋازدىن تېز سۈرئەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ، پاراخوتقا قارشى تۇرۇش ۋە يەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى