ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ئىمزالىدى قانچىل

文摘   2025-01-16 20:03   新疆  

شۇ جاي ۋاقتى 15-يانۋار كەچتە، قاتار، مىسىر، ئامېرىكا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندىكى  قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىتى غەززە رايونىدا مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. 

باياناتتا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : قاتار، مىسىر، ئامېرىكا كېلىشىمگە كېپىل بولغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى كېلىشىمنىڭ ئۈچ باسقۇچىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. كېلىشىم 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ. تەپسىلاتلار > > 

قاتارنىڭ باش ۋەزىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋەزىرى  شۇ كۈنى دوھادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە كېلىشىمنىڭ باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، مەزمۇنى ئۇرۇش توختىتىش، تۇتۇپ قېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىن تەدرىجىي چېكىنىشى، سەرگەردان ئاھالىلەرنىڭ غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى ۋە غەززە رايونىغا بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەپسىلاتلار > 

ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ قېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا قارىتا، ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ 15-چېسلا كەچتە ئىسرائىلىيە ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنى كېلىشىمنى تەستىقلاپ، تۇتۇپ قېلىنغانلارنى ئۆيىگە قايتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى. 

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەۋەردار ئەربابلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ كېلىشىم «تاماملانغان ۋە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن» ئاندىن ئاممىغا سۆز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ ھازىر ھېچقانداق ئاشكارا باھا بەرمەيدىكەن. 

نەچچە ئايدىن بۇيان، ئالاقىدار تەرەپلەر قاتار پايتەختى دوھا ۋە مىسىر پايتەختى قاھىرەدە غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. 

مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى، سۆھبەت قاتار پايتەختى دوھادا قايتا باشلاندى. ئىسرائىلىيە، خاماس ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋاسىتىلىك ئۇسۇل بىلەن سۆھبەتلەشتى. گەرچە بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس يەنىلا توختىماي تالاش-تارتىش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئالامەتلەر ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنىڭ بۇ قېتىم ئەستايىدىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

نىتانىياخۇ 11-چېسلا قاتارغا بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى، ئەزالىرى ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋە ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بارنېيا، ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بار، ئىسرائىلىيە تۇتۇپ قېلىنغان خادىملار مەسىلىسىنىڭ مەسئۇلى ئالون ۋە نىتانىياخۇ سىياسىي مەسلىھەتچىسى فاركنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، توقۇنۇش غەززە رايونىدىكى %67.6 يېزا ئىگىلىك يېرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، غەززە رايونىدىكى ئاز دېگەندە %87 مەكتەپ قۇرۇلۇشى زىيانغا ئۇچرىغان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، غەززە رايونىدىكى تەخمىنەن %80 نوپۇس ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە تايىنىدۇ، نەچچە مىڭلىغان ئادەم ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ. 

كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىنلاشقاندا، ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىتانىياخۇ شۇ جاي ۋاقتى 14-چېسلا تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، نۆۋەتتە خاماس بىلەن بولغان سۆھبەت نىشانى بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، لېكىن ئومۇمىي كېلىشىم باسقۇچقا بۆلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : بۇ كېلىشىم بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ، لېكىن بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تەپسىلاتلار > > 

پەلەستىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى 15-چېسلا كېچىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن جايلارغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، جەمئىي 28 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان. 

يەنە مۇتەخەسىسلەر ھەرقايسى تەرەپلەر ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ سۆھبەتلىشىش سىگنالىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرگىلى ۋە ئىجرا قىلغىلى بولامدۇ-يوق، «غەززەنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىدارە قىلىش»تا ھازىرچە كونكرېت مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان لايىھە كۆرۈلمىدى، كېلىشىمنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا مەۋجۇت بولغان ۋە داۋاملىشىۋاتقان مەنبەلىك زىددىيەتنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ-يوق، ھەممىسى يوشۇرۇن «پارتلىمىغان بومبا». 

خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ قارىدى. يەنى 1967-يىلىدىكى چېگرانى ئاساس، شەرقىي يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەرەب بىلەن يەھۇدىيدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章